دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايوننىڭ تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش سىنلىق يىغىنى ئېچىلدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-08 11:03:50

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش سىنلىق يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىچۇەن گەنزى لۇدىڭ ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىگەنلىكىگە قارىتا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار (ئورۇنلار) سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە توغرىلىنىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مېخانىزمى ئىسلاھاتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تەبىئىي ئاپەتنى ئۇنىۋېرسال كۆزىتىپ ئۆلچەش - ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تەبىئىي ئاپەت ئۇنىۋېرسال خەۋپ - خەتىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى يەنىمۇ بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تۈزەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ھالىتىنى ساقلاپ، نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىقنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئەلىنىش، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاپەتكە بالدۇر تاقابىل تۇرۇش، بالدۇر بىرتەرەپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ئىستىل، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر بىلەن ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش