دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

سىچۇەنلىك يىگىت ئاقسۇنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-08 11:12:05

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز جاۋ شيا)

  بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن سىچۇەنلىك يىگىت خې شاۋدۇڭ شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، قىلچە ئىككىلەنمەيلا ئۆزى قىزغىن سۆيىدىغان ئاقسۇدا قېپقالدى. جەمئىيەتكە يېڭىلا قەدەم قويغان ئۇ، مەقسەت ۋە نىشانى بىردەك دوستلىرى بىلەن بىرگە يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقمىغاندەك غەيرىتى بىلەن، ئاقسۇنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتتى.

  8 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، خې شاۋدۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 12 ياشقا كىرگۈچە، ئاتا ـ ئانام بىلەن بىرگە شىنجاڭدا ياشىغان، 12 ياشقا كىرگەندىن كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرى سىچۇەنگە كۆچۈپ كەتتۇق، كېيىن مەن ئاقسۇدا داشۆ ئوقۇشنى تاللىدىم. بۇ يەرنىڭ زېمىنى كەڭ، چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ؛ بۇ جايدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بار، ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. مەن ئۆزۈمنى مۇشۇ جايغا مەنسۇپ، دەپ قارايمەن.

  خې شاۋدۇڭنىڭ ئاتا ـ ئانىسى سودىگەر بولۇپ، ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاتا ـ ئانىسىنىڭ تەسىرىدە، ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىتتىن بىرنى سېتىۋېلىپ، ئۆيىنىڭ ئالدىدا قاقلىما يېمەكلىك يايمىسى ئاچقان. قىسقىغىنە بىر ئايدىلا كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن، بۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلىگەن خې شاۋدۇڭ ئىگىلىك تىكلەشنىڭ تەمىنى تېتىدى.

  2017 ـ يىلى، خې شاۋدۇڭ شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىگە ئۆتۈپ، سودا ـ سانائەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇدى. مەكتەپتىكى مەزگىلدە، ئۇ كۇرژۇك پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مۇئەللىمگە ماسلىشىپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى. خې شاۋدۇڭنىڭ ساۋاقدىشى ۋاڭ بو مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ ئويلىغانلىرى بار، جان تىكىپ ئىشلەشكە ھېرىسمەن، مەن بىرنەچچە قېتىم ئۇنىڭغا بىللە ئىگىلىك تىكلەيلى دېسەم، ئۇ ھەمىشە «ۋاقتىم يوق» دەپ، مېنى رەت قىلغان.

  داشۆنىڭ 4 ـ يىللىقى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ھالقىلىق مەزگىل. خې شاۋدۇڭ ئۈچ يىل تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن، ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى بېسىپ، بىرلا قېتىم بېرىلىدىغان 5000 يۈەن ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئىلتىماس قىلدى.

  ئادەم كۈچى بايلىقى، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش، ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش... بازار ئارىلاشتىن نىشان بېكىتىش، تۈر تاللاشقىچە، خې شاۋدۇڭ ساۋاقداشلىرى بىلەن ئاقسۇنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىپ، قىلغىلى بولىدىغان بارلىق تۈرلەرنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلاتچانلىقىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئاخىرى بىر شىركەت قۇردى.

  ھەممە ئىشنىڭ باشلىنىشى قىيىن بولىدۇ. بۇلتۇر، خې شاۋدۇڭنىڭ شىركىتى بىر تۈرنى ئالدى، لېكىن كۆپ خىل سەۋەب تۈپەيلىدىن ئۇنى پۈتكۈزەلمىدى. ئادەم كۈچى ۋە ماتېرىيال خىراجىتىنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، شىركەت قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

  «ئوغلۇم، يېقىندىن بۇيان ئەھۋالىڭ قانداقراق؟ سالامەتلىكىڭنى ئاسرىغىن.»

«مەن ياخشى تۇرۇۋاتىمەن، سودام شۇنداق روناق تاپتى.»

  لېكىن بۇ ۋاقىتتىكى خې شاۋدۇڭنىڭ بارلىق مەبلىغىنى قوشسىمۇ 400 يۈەنگە يەتمەيتتى. ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ئەھۋال سوراپ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ چاناقلىرى ياشقا تولغان ئىدى. ئاتا ـ ئانىسىغا ئۆزىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن، ئۇ تېلېفوننى دەرھال قويۇۋېتىپ، ئۈستەلدىكى گاڭپەن ۋە تۇزلانغان سەيگە قاراپ، كىچىك بالىدەك يىغلاپ كەتتى.

  خې شاۋدۇڭ مۇنداق دېدى: خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرەلمىگەچكە، كوللېكتىپمۇ تارقىلىپ كەتتى. لېكىن مەن ياقتۇرغان ئىش، تاللىغان يولۇم ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ چوقۇم ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىمەن.

  يول ھەرقانچە يىراق بولسىمۇ، ماڭسىلا مەنزىلگە يەتكىلى بولىدۇ، ئىش ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ، قىلسىلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، خې شاۋدۇڭ ئاساسلىق تۈزۈپ يولغا قويغان ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسى «جياڭيى ئالدىن تاللاش» تەدرىجىي تونۇلدى.

  مەكتەپ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىن باشقا، ئالما، بادام، ئۈجمە قېقى، جىغان شەربىتى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى توردا ناھايىتى ياخشى سېتىلدى.

  «ياڭاقنىڭ پوستى نېپىز، مېغىزى توق، ناھايىتى يېيىشلىك ئىكەن.»

  «ئۈجمە قېقى چۈچىمەل، يېيىشلىك ئىكەن، چوڭ ـ كىچىك ھەممەيلەنگە ماس كېلىدىكەن.»

  ...

  خې شاۋدۇڭنىڭ ۋىيشىنىدا، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خېرىدارلار يوللىغان ياخشى باھالارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن، ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولدى.

  خې شاۋدۇڭ مۇنداق دېدى: بارلىق خاس مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى بىز كۆڭۈل قويۇپ تاللىغان، خېرىدارلارنىڭ ئىنكاسى ياخشى بولغاندىن كېيىن، بىزنىڭ سېتىش يولىمىز ئېچىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۆز تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق، ئاقسۇنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ ـ ئادىتى، تارىخىي مەدەنىيىتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئاقسۇنى ياخشى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش