دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا «سۈرئەتنى تېزلىتىش» ئىشقا ئاشتى
ئالدىنقى سەككىز ئايدا ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى تەكشى، مۇقىم، ياخشى بولدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-08 11:15:35

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى 9 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايىتىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش» تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئاساسىدا ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققياتتا «سۈرئەتنى تېزلىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرغان.

  1 ـ ئايدىن 8 ـ ئايغىچە، ۋىلايەت يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى ئېچىش ـ پايدىلىنىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاشلىق، پاختا، مېۋە ـ چېۋە، چارۋىچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىن ئىبارەت «بەش چوڭ بازا» قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك دېھقانچىلىق ئېتىزلىرى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پاختىچىلىقنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، «100، 10، بىر» بويىچە باغ ـ ئورمان بازىسىدىن 1 مىليون 395 مىڭ مو بەرپا قىلىپ، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانى (رايونى)دىن 558نى قۇردى، ئەسلىھەلىك كۆكتاتچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «N + 8» يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى خىزمىتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ بىرتۇتاش پىلانلىنىش، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، پىششىقلاشنىڭ بىر گەۋدىلىشىش، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ۋىلايەت يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىدە «زەنجىر باشلىقى تۈزۈمى»نى يولغا قويۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بويىچە ئۆلچەش، ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتتى، بىر تۈركۈم كەسىپ تۈرلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تۈۋرۈكلۈك ئورنىنىڭ سىجىل مۇستەھكەملىنىشىگە تۈرتكە بولدى، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات كەسىپ ھالىتىنى تېزدىن شەكىللەندۈردى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، مىتاللورگىيە كەسپى ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسپىنى پۇختا قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇردى، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەردە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، ۋىلايىتىمىزنىڭ سانائەت ئاساسىنى سىجىل پۇختىلىدى، سانائەت ئىقتىسادىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى. 1 ـ ئايدىن 8 ـ ئايغىچە، ۋىلايىتىمىزدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ مۆلچەر سانائەت قوشۇلما قىممىتى 29 مىليارد 300 مىليون يۈەن ئاشقان بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى %12.5تىن يۇقىرى بولدى؛ ۋىلايەت بويىچە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %87.24 ئاشتى.

  كېيىنكى قەدەمدە، ۋىلايەت تۈر قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، بازار سۇبيېكتلىرىنى ساقلاپ قېلىش، ئىستېمالنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى داۋاملىق ياخشى تۇتىدۇ؛ مالىيە كىرىم ـ چىقىمى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىجىل كۈچەپ، بېسىمنى ئاشۇرۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا «پۈتۈن يىل غەلىبىلىك بولۇش»نى كۈچەپ قولغا كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش