دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەت 13 مىڭ كارخانىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدىن 320 مىليون يۈەننى تۆۋەنلەتتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-08 11:19:13

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى ئاقسۇ توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمى ۋاڭ ۋېنلى مۇنداق دېدى: ئالدىنقى سەككىز ئايدا، شىركىتىمىز كارخانا ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك سۇغۇرتا ھەققىدىن 11 مىليون 590 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىن بەھرىمەن بولدۇق، بۇنىڭ بىلەن كارخانىمىزنىڭ چىقىمى يەنىمۇ ئازىيىپ، ئادەم ئىشلىتىش تەننەرخى تۆۋەنلەپ، كارخانىمىزنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرتىپلىك يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن، ۋىلايەتلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەت مەزمۇنىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلتىماس قىلىش تەرتىپلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بارلىق كارخانىلارنى «كۆرۈشمەي» توردا مۇلازىمەت قىلىش بىلەن تەمىنلەپ، ئىلتىماس قىلمىسىمۇ بىلدۈرۈش، ئىلتىماس قىلمىسىمۇ بەھرىمەن قىلىش، ئىلتىماس قىلمىسىمۇ بېجىرىپ بېرىش، ئىلتىماس قىلمىسىمۇ ئېلىشتىن ئىبارەت «ئىلتىماس قىلماي» بېجىرىش ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ «باغلاقتىن بوشىنىش»، «يۈكنى يېنىكلىتىش»ىگە ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەتكە كاپالەتلىك قىلىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىش، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشتى.       

  يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارغا قارىتا، بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن سانلىق مەلۇماتنى تۇتاشتۇرۇش ئېغىزى بەرپا قىلىپ، ئۇچۇر «ئىستېھكام»ىنى راۋانلاشتۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى تىزىملاش بىلەن رويخەتكە ئالدۇرۇشنى تىزىملاشنى تەڭ قەدەمدە «دەرھال تەستىقلاش» مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، كارخانا قايسى كۈنى قۇرۇلسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا شۇ كۈنى تىزىملاش، توردا يوللاپ شۇ كۈنى ئېچىۋېتىش، ھەق تۆلەشنى شۇ كۈنى بېكىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىدىن بەھرىلىنىشكە تېگىشلىكىنىڭ ھەممىسىنى بەھرىلەندۈردى.

  ۋىلايەتلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ۋىلايىتىمىز جەمئىي 13 مىڭ كارخانىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدىن 320 مىليون يۈەن تۆۋەنلەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى 200 مىليون يۈەن، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققى 115 مىليون يۈەن، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى 5 مىليون يۈەن بولغان. «پۇل» ئارقىلىق كارخانىلارغا «قان بېرىپ»، كارخانىلارنىڭ «قان ئىشلەش»ىگە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش