دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ 3 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-08 11:24:01

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى 9 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ 3 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، دىققەت پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئالدى ـ كەينىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ھازىرقى ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈگىتىش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي قوغداش تەلەپ قىلىندى.

  ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى دىلشات سايىم يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى شەپقەت ھوشۇر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 1 ـ ئايدىن 8 ـ ئايغىچە بولغان ئاساسىي سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، ۋىلايىتىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى كەسكىن بولۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىلى يەنىلا خېلى كۆپ بولغان. ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئەسقاتىدىغان، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر بىلەن، بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا، نۇقسانسىز بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھادىسىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش «مۇداپىئە تېمى»نى مەنبەدىن پۇختىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، تارماقلار مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەۋپ ـ خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ـ تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق سورۇن، مۇھىم ئورۇن، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، بىرنى بايقىغان ھامان دەرھال تۈزىتىپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشى كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلىشىنى چىڭ تۇتۇپ، «X + 1» بويىچە چوڭ خەۋپ ـ خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ـ تۈزەش مېخانىزمىدىن چوڭقۇر پايدىلىنىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىشى، ھادىسىنى توسۇشى، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش تەرتىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، «مۇتەخەسسىس + قانۇن ئىجرا قىلىش» ئەندىزىسىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، قاتتىق جازالاش، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش «شەمشىرى»نى قەتئىي چۈشۈرمەي، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتلەرنى مەسئۇلىيىتىنى بىلىش، مەسئۇلىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىش، بىخەتەرلىكنى قاتتىق چىڭ تۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كەسپىي تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئاخىرغىچە تۇتۇپ، ئۆز جايىدىكى ھۆكۈمەتنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، قاتتىق جازالاش ـ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قىستىشى كېرەك. تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تاقابىل تۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، «چوڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، زور خەتەرنى تۈگىتىش، چوڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش» ئىدىيە تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قىلىپ، ئۈستەل ئۈستىدە قىياس قىلىپ بېقىش، ئەمەلىي جەڭ مانىۋېرى قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، تۇيۇقسىز يۈزبېرىدىغان تۈرلۈك ھادىسە ياكى ئېغىر، زور ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ـ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئالدى ـ كەينىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇتلەق مۇقىم بولۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىشى كېرەك.

  يىغىندا ۋىلايىتىمىزنىڭ 1 ـ ئايدىن 8 ـ ئايغىچە بولغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىيىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش