دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-07 11:59:41

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش مىقدارى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتى بىردەك كۆرۈنەرلىك ئاشقان. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يەتتە ئايدا، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش مىقدارى كۆپىيىپ 42 مىليارد 157 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.67 ئاشقان، يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %95.2 كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.5 ئاشقان.

  ھاسىلىي ئېنېرگىيە شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېنېرگىيەسى، بىيوماسسا ئېنېرگىيەسى، يەر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، دېڭىز ـ ئوكيان ئېنېرگىيەسى قاتارلىق تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيەنى كۆرسىتىدۇ. شىنجاڭ ئاساسلىقى شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلەرنى ئاساس قىلىدۇ. 2019 ـ يىلى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى بىرلىشىپ ھاسىلىي ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش كاپالىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلار بويىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىستېمالىغا قارىتا ھاسىلىي ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىشنىڭ مەسئۇلىيەت سالمىقىنى بېكىتتى، بۇ، ئومۇمىي مىقدار، سۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىن باشقا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى كۆرسەتكۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  ئالدىنقى يەتتە ئايدا، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ بازارلاشقان خېرىدارلىرى پايدىلانغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە مىقدارى 16 مىليارد 953 مىليون كىلوۋات سائەتكە، ۋاكالىتەن توك سېتىۋالغان خېرىدارلار پايدىلانغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە مىقدارى 5 مىليارد 773 مىليون كىلوۋات سائەتكە، ئاھالىلەر، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق بازارلاشمىغان خېرىدارلار ئىشلەتكەن ھاسىلىي ئېنېرگىيە 19 مىليارد 431 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتتى.

  2020 ـ يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى تەلەپ بويىچە ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش مەسئۇلىيەت سالمىقىنى ئىستاتىستىكىلاش ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە مەسئۇلىيەت سالمىقى سودا بازىرىنى قۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارلاشقان خېرىدارلارنى بازارلاشقان سودىغا پائال قاتنىشىشقا، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئۆز ئالدىغا سېتىۋېلىشقا رىغبەتلەندۈردى؛ بازارلاشقان خېرىدارلارنىڭ يېشىل توك سودا ئېھتىياجىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، بىۋاسىتە سودىلىشىش، سۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ۋىۋىسكا ئېسىپ سېتىش، يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئالمىشىپ توك چىقىرىش، ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن نورمىدىن ئاشۇرۇپ پايدىلىنىش مىقدارى بويىچە سودىلىشىش قاتارلىق كۆپ تۈر بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىش سودا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ يېشىل توكتىن پايدىلىنىش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى 2 ـ تۈركۈمدىكى ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن نورمىدىن ئاشۇرۇپ پايدىلىنىش مىقدارىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش سودىسىنى تېزدىن تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە خېرىدارلىرىنىڭ پايدىلىنىش مەسئۇلىيەت سالمىقىنى تاماملىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ۋەزىپىسىنى تاماملىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش