دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىز 3 ـ قېتىملىق تۈرلەردە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-07 11:12:50

 ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، ۋىلايىتىمىز ئاقسۇ سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىدە 3 ـ قېتىملىق تۈرلەردە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ۋە 2 ـ قېتىملىق نۇقتىلىق ئۇچۇر ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، نەق مەيداندا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن جەمئىي 25ى ئىمزالانغان بولۇپ، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 102 مىليارد 538 مىليون يۈەنگە يەتتى.

بۇ قېتىم 18 تۈردە توختام ئىمزالانغان بولۇپ، توختام سوممىسى 82 مىليارد 656 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ يەتتە تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، كېلىشىم سوممىسى 19 مىليارد 882 مىليون يۈەنگە يەتتى. كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، مېتاللورگىيە، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق كەسىپ ۋە ساھەلەرنى قاپلىدى،   بۇنىڭ ئىچىدە: سېلىنما سوممىسى 66 مىليارد 546 مىليون يۈەن بولغان ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى كەسىپ تۈرى توققۇز؛ سېلىنما سوممىسى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولغان توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسىپ تۈرى بىر؛ سېلىنما سوممىسى 850 مىليون يۈەن بولغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسىپ تۈرى ئۈچ؛ سېلىنما سوممىسى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولغان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، مېتاللورگىيە كەسىپ تۈرى ئۈچ؛ سېلىنما سوممىسى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولغان جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسىپ تۈرى ئۈچ ؛ سېلىنما سوممىسى 1 مىليارد 782 مىليون يۈەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ تۈرى ئۈچ؛ سېلىنما سوممىسى 1 مىليارد 360 مىليون يۈەن بولغان سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسىپ تۈرى ئىككى؛ سېلىنما سوممىسى 27 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولغان دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق تۈرى بىر. يەككە توختام تۈرىدە ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان تۈر شەنشى خېيماۋ كوكسلاش پاي چەكلىك شىركىتى كۇچا شەھىرىنىڭ «كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئايلانما ئىقتىساد كەسىپ باغچىسى» تۈرى بولۇپ، توختام سوممىسى 36 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتتى.

شىنجاڭ خېيماۋ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى شەنشى خېيماۋ كوكسلاش پاي چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سالغان ھەم پېيىنى كونترول قىلىدىغان تولۇق مەبلەغ سېلىنغان تارماق شىركەت بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ چاڭفۇ مۇنداق دېدى: ئاقسۇدىكى ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلار پۈتۈن جەرياندا زېھىن ـ كۈچىنى سەرپ قىلىپ ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلدى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئامال بولمىسا چارىسىنى ئىزدەپ، يول بولمىسا يولىنى تېپىپ، سىياسەت يول قويغان ئەھۋال ئاستىدا، قانۇنغا، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا بىزنى سۈرئەتنى تېزلىتىپ، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ، تۈرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكى تۈرلۈك رەسمىيەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىزگە ياردەم بەردى. ئاقسۇ مول بايلىققا ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ يەرنىڭ تىجارەت ـ سودا مۇھىتى تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولغان ئىكەن، شۇڭا بىز ئاقسۇغا ماكانلىشىشنى تاللىدۇق، بىز تۈر قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز.

ۋىلايىتىمىز «ئېچىۋېتىش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش» ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن مۇھىت، تېخىمۇ دانا سىياسەت، تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت ئارقىلىق ئەمەلىي ئىشلەپ، ئالدىدا مېڭىپ، ۋىلايىتىمىزگە ئىگىلىك تىكلەپ تەرەققىي قىلغىلى كەلگەن كارخانىچىلارنى سۇپا تىرىكى، سىياسەت ياردىمى، ئەڭ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ۋىلايىتىمىزنى سىياسەت ئويمانلىقى، مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلەش ئېگىزلىكى قىلىپ بەرپا قىلىدۇ.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى دىلشات سايىم، ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن لياڭ فېڭيۇەن، جيا جىڭلېي، چېن خەيتاۋ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش