دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 173 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-05 12:44:01

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر تۇرسۇنئاي ھەسەن خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 173 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى ئىش قائىدىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئىش قائىدىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى مۇھاكىمە قىلىندى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلارغا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىق ئىشلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىلىي قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۈستۈن قانۇنغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنىنىڭ ئىش قائىدىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايون يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش - يېڭىلىق يارىتىش بازىسى، ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى ۋە نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىرلىك سەپ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ، يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلارنىڭ ساھە ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە تولۇق تايىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار سىياسەت - نىزاملارنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن نازارەتچىلىك شەكلىنى قوللىنىپ، يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش