دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش لىنىيەسى 70كە يەتتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-02 11:30:47

قورغاس پورتى

جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش لىنىيەسى 70كە يەتتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت 11دە، شىنجاڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى دېڭىز - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى نۆۋەتچى پويىزى قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن ئوڭۇشلۇق چىققان، قورغاس پورتىدىن ئۆتۈپ قاتنايدىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن يەنە بىرى يېڭىدىن كۆپىيىپ، جەمئىي 70كە يەتكەن.

  «بۇ نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدە قۇرۇقلۇق يولى تىرانسپورتى شەكلى ئارقىلىق، مالنىڭ ۋىيېتنامدىن قازاقىستانغا توشۇلۇش ۋاقتى قىسقىراپ، بىزگە تېخىمۇ كۆپ كەسىپ ئېلىپ كەلدى» دېدى قورغاس بوباۋ خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسىپ مەسئۇلى لى شۆفېڭ.

  جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ قاتناش قېتىم سانىنىڭ سىجىل كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قورغاس ۋوگزالى تاموژنا قاتارلىق بىرلەشمە تەكشۈرۈش تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىپ مەشغۇلات قىلىپ، نۇقتىلىق پويىزلارغا قارىتا ئالدىن گۇرۇپپىلاش، ئالدىن تەكشۈرۈش، تاموژنىدىن چىقىرىش رەسمىيىتىنى ئالدىن بېجىرىشنى يولغا قويۇپ، نۆۋەتچى پويىز تىرانسپورتىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

  «بۇ يىلدىن بۇيان، قورغاس ئارقىلىق قاتنايدىغان جۇڭگو - ياۋروپا (جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، نۆۋەتچى پويىزنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ئېففېكتى يەنىمۇ كۈچەيدى، مۇشۇ ئايدىلا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن بەشى بار» دېدى قورغاس ۋوگزالى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش خادىمى قاستېر توختارباي تونۇشتۇرۇپ.

  بۇ يىل قورغاس پورتى ئارقىلىق قاتنايدىغان جۇڭگو - ياۋروپا (جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن 14ى يېڭىدىن كۆپىيىپ، قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي سانى 70كە يەتتى، تەسىر كۆرسىتىدىغان رايون ئەڭ دەسلەپكى ئىككى دۆلەت، ئۈچ شەھەردىن 18 دۆلەت، 45 شەھەرگە كېڭەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش