دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ 1-كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ​«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا بايرام كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى» ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ​داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى ​مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كاتتا بايرام تەبرىكلەندى يىلىغا 2000 توننا تىككۈچىلىك يىپى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

چوڭقۇر تۈجۈپىلەپ ئىشلەش ئارقىلىق، كانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن ئېنېرگىيەسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-02 11:32:01

− شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك كۆزىتىش (3)

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن

  كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقى خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئاساسى. شىنجاڭنىڭ كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنىڭ ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ئاز ئۇچرايدىغان مول مانگانلىق، مول قوغۇشۇن - سىنكلىق، مول نىكېللىق رۇدا ھەمدە كالىيلىق تۇز، ناترىي سېلىترا، فىتورىت قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەۋزەل كان مەھسۇلاتلىرى بار. بۇ ئەۋزەللىككە تايىنىپ، كانچىلىق كەسپى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رايون ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرىدىغان، مالىيەنىڭ ئېشىشىغا تىرەك بولىدىغان تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنىڭ بايقالغان زاپىسى سىجىل كۆپىيىپ، كان قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلدى، كۆلىمى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى. 2021 - يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە قېزىلغان رۇدا ئومۇمىي مىقدارى 64 مىليون 141 مىڭ 400 توننا بولۇپ، كانچىلىق ھەم ئىككىلەمچى كەسىپلەر پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن %40ىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشىگە پۇختا ئاساس سالدى.

  ئەۋزەللىك مۇستەھكەملىنىپ، كەسىپلەر زورايتىلدى

  8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى پولات پىروكاتلاش زاۋۇتى لوم - چىۋىق شۆبە زاۋۇتى 2 - لوم ماتېرىياللىرى ماشىنا گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش نەق مەيدانىدا، ماشىنا ئاۋازى گۈرۈلدەپ، قىپقىزىل پولاتلار چىقىۋاتاتتى.

  «لوم - چىۋىق شۆبە زاۋۇتىدىكى بەش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تولۇق ئايلىنىپ، بارلىق زاكازنىڭ ھەممىسى قەرەلىدە ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى پولات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى 2 - لوم ماتېرىياللىرى مەشغۇلات رايونى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گاۋ فېي.

  بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگە قەدەر، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۆزىدە جەمئىي 3 مىليون 537 مىڭ 500 توننا تۆمۈر، 3 مىليون 877 مىڭ 100 توننا پولات، 3 مىليون 847 مىڭ توننا پولات ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىلدى. بۇنىڭغا كەتكەن %70كە يېقىن تۆمۈر رۇدىسى خام ماتېرىيالى شىنجاڭنىڭ ئىچىدىن كەلتۈرۈلگەن.

  تۆمۈر رۇدىسى پولات - تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسلىق خام ماتېرىيال. 2021 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا قېزىلغان تۆمۈر رۇدىسى 41 مىليون 250 مىڭ توننا بولۇپ، كان مەھسۇلاتى ئاساسلىقى باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ كوئېنلۇن پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ كۇنيۈ پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلارغا سېتىلدى.

  شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم كان مەھسۇلاتى بايلىقىنى ئېچىش رايونى، بايقالغان قېزىلما بايلىق تۈرى 152 بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بايقالغان قېزىلما بايلىق تۈرىنىڭ %87.9ىنى ئىگىلەيدۇ. ئېنىقلانغان بايلىق زاپىسى بار قېزىلما بايلىق تۈرى 102، بۇنىڭ ئىچىدە ئېنېرگىيە كان مەھسۇلاتى سەككىز، مېتال كان مەھسۇلاتى 34، مېتاللوئىد كان مەھسۇلاتى 57، سۇ - گاز كان مەھسۇلاتى ئۈچ بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىق تۈرىنىڭ %62.6ىنى ئىگىلەيدۇ. 42 خىل كان مەھسۇلاتىنىڭ ئېنىقلانغان بايلىق زاپىسى مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ مول كان مەھسۇلاتى بايلىقىغا تايىنىپ، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بايلىقنى كېڭەيتىپ، زاپاس مىقدارنى ئاشۇرۇپ، مىس، نىكېل، ئالتۇن ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، لىتىي، بېرىللىي، مانگاننىڭ يېتەكچى ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ رەڭلىك مېتالىنى ئەلالاشتۇردى ۋە زورايتتى.

  2021 - يىلى، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پۈتۈن بىر يىلدا ئىشلەپچىقارغان ئېلېكتىرولىزلانغان مىس 130 مىڭ توننا، ئېلېكتىرولىزلانغان نىكېل 12 مىڭ توننا، ئالتۇن 11.3 توننا، ئېلېكتىرولىزلانغان مانگان 55 مىڭ توننا، لىتىي مېتالى 358 توننا، بېرىللىي - مىس قېتىشمىسى 450 توننا، مانگان رۇدىسى 420 مىڭ توننا بولدى. ئېلېكتىرولىزلانغان نىكېل، ئېلېكتىرولىزلانغان مانگان ۋە ئالتۇن مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەملىكەت بويىچە 2 -، 3 - ۋە 7 - ئورۇندا تۇردى. 2022 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشقا ئاشۇرغان سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 8 مىليارد 900 مىليون يۈەن، تىجارەت كىرىمى 7 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولدى، پايدا ئومۇمىي سوممىسى 770 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %195 ئېشىپ، كارخانىنىڭ پايدا ئېلىش ئىقتىدارى دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتتى.

  ئاقىل كانغا يېشىل بولۇش سەپەرداش بولدى

  قومۇل شەھەر رايونىدىن 120 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شىنجاڭ ياكېسى بايلىق ئېچىش پاي چەكلىك شىركىتى خۇاڭشەن مىس - نىكېل كانىنىڭ 670 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قۇدۇقى ئاستىدا رۇدا بېسىلغان ئون نەچچە ۋاگونلۇق شوپۇرسىز ئېلېكتىر موتورلۇق پاراۋۇز رېلىستا سىلىق مېڭىۋاتاتتى. «5G + قۇدۇق ئاستىدىكى كان ئاقىل تىرانسپورتى» سىستېمىسىنىڭ قوللىنىلىشى بۇ كارخانىنىڭ رۇدا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 2014 - يىلىدىكى 150 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، 2021 - يىلىدىكى 1 مىليون 400 مىڭ توننىغا يېتىشىگە كۈچ قوشتى.

  پەيزاۋات ناھىيەسى تۇڭخۇي كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاقىل رۇدا يىغىۋېلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىدە رۇدا يىغىۋېلىشنىڭ پۈتۈن تەرتىپىنى قاپلىغان ئۇچۇرلاشقان باشقۇرۇش سۇپىسى LED ئېكرانى ئارقىلىق، رۇدا يىغىۋېلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىسىدىكى مەشغۇلات ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئاقىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كارخانىنىڭ رۇدا يىغىۋېلىش نىسبىتى %95.5تىن ئاشتى، رۇدا يىغىۋېلىش ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە سەرپىياتى ھەر توننىنىڭ ئۈچ كىلوگىرام ئۆلچەملىك كۆمۈرگە تۆۋەنلەپ، دۆلەت ئۆلچىمىدىكى ئىلغار قىممەتتىن %45.45 تۆۋەن بولدى.

  ئاقىل كان قېزىش، ئاقىل چارلاپ تەكشۈرۈش، AR ئارقىلىق يىراق مۇساپىلىك يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش... شىنجاڭدا «5G + سانائەت ئالاقە تورى»نىڭ كان قۇرۇلۇشىدا قوللىنىش جەريانىدىكى يوشۇرۇن ئېنېرگىيەسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى.

  كان مەھسۇلاتى بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇقەررەر يول. ئاقىل كان ۋە يېشىل كان قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت قوش تۈرتكە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كان قېزىشتا زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى ئورنىتىپ، كانچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى مۇقەررەر تاللىشى.

  قابا ناھىيەسى ئاشىلى مىس كانى 180 مىڭ كىۋادرات مېتىر يەرنى كۆكەرتىپ، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى كۆكەرتىشكە بولىدىغان يەر مەيدانىنىڭ %100ىگە يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېرەكسىز سۇدىن تەكرار پايدىلىنىپ سىرتقا قويۇپ بەرمەسلىك، كان ئەخلىتىنى قۇدۇقتىن چىقارماي %100 تىندۇرۇشقا ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئۇلۇغچات ناھىيەسى ۋۇلاگېن قوغۇشۇن - سىنك كانى 270 مىڭ كىۋادرات مېتىر يەرنى كۆكەرتىپلا قالماي، يەنە 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بىر يۈرۈش سۇ قايتۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىپ، «ئۈچ كېرەكسىز»نى تۈزەشنى ئىشلەپچىقىرىش تېخنولوگىيەسى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ھەر يىلى 3627.04 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى، 480 مىڭ كۇب مېتىر سۇنى تېجەپ قالدى.

  2018 - يىلى، شىنجاڭ يېشىل كان بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى ئېلان قىلىپ، كانچىلىق ھوقۇقى، قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردە مەدەت بېرىپ، تۈرلۈك كان كارخانىلىرىنى مۇھىت سۆيەر كان بەرپا قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا 67 كان مەملىكەتلىك يېشىل كان تىزىملىكىگە كىردى.

  ئارتۇقچىلىق تەدرىجىي جارى قىلدۇرۇلدى، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ ئاشتى

  «لىتىينىڭ يېڭى ماتېرىيال، يېڭى تېببىي دورا، يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئىشلىتىلىشى ئۈزلۈكسىز زورايدى.» نۆۋەتتە، شىركەت 1200 توننا مېتال لىتىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى دۆلەت ئىچىدىكى مېتال لىتىي ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.» شىنجاڭ - ئاسىيا - ياۋروپا ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جى خۇڭجۈننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى. ئۇ داخۇڭليۇتەندىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى لىتىي كېنىنى بالدۇرراق ئېچىپ پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ لىتىي كەسپىنىڭ خام ماتېرىيال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە، شىركەتنىڭ كەسىپ زەنجىرى تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىشنى ئۈمىد قىلدى.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭدا جۇڭغار − تارىم − تۇرپان - قومۇل نېفىت - تەبىئىي گازى، شەرقىي جۇڭغار − تۇرپان - قومۇل − ئىلى − كۇچا - باي كۆمۈرلۈكى، كۈنەس − خېجىڭ تۆمۈر كېنى، قومۇل − كۆكتوقاي − قابا مىس - نىكېل كېنى، لوپنۇر كالىيلىق تۇزى قاتارلىق بىر تۈركۈم كانچىلىق يادرولۇق رايونى بارلىققا كېلىپ، بىرقەدەر كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ ۋە بازار رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم كانچىلىق گۇرۇھى يېتىشىپ چىقىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى خام ماتېرىيال تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

  لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە شىنجاڭدا كان مەھسۇلاتلىرىنى تولۇق تەييارلىق بىلەن چارلاپ تەكشۈرۈش ئاز، كۆلەملىك ئېچىش يېتەرلىك ئەمەس، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 2876 نېفىت - تەبىئىي گازدىن باشقا كان ئىچىدە كىچىك كان 1973 بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %68.6. كەسىپ زەنجىرى نىسبەتەن بىرقەدەر قىسقا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىرقەدەر ئاجىز، تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى يېتەرلىك ئەمەس، مەسىلەن، شىنجاڭنىڭ لىتىي، نىكېل كان مەھسۇلاتى بايلىقلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلىشى، باتارېيە ۋە ئالاقىدار يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شياۋ ۋېنجياۋ بۇ يىل 7 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ يېشىل كانچىلىق تەرەققىياتى ئاكادېمىكلار مۇنبىرىدە مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، نۇقتىلىق كان مەھسۇلاتى بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكا − بايلىق − كەسىپتىن ئىبارەت ئەندىزە تەرەققىياتى جەريانىدا، بايلىق ئېچىش ئارقىلىق كەسىپ تەرەققىياتىنى قوزغىتىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ئالاقە تورى سودىگەر چاقىرىش سۇپىسى ئانار بۇلۇت «شىنجاڭ سودىگەر چاقىرىش يولى»دا، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ مانگان دىئوكسىد، يۇقىرى ساپلىقتىكى مانگان سۇلفات، سىلىتسىي مانگان قېتىشمىسىنى ئېچىش، قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ شىمالىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر باغچىسىدا يىلىغا 2000 يۈرۈش ئېنېرگىيە باتارېيەسى ئىشلەپچىقىرىش، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ ساۋاياردۇن ئالتۇن كېنىنى ئېچىش قاتارلىق بىر تۈركۈم تۈرلەر ئۇنىڭغا رىشتە باغلىغان كىشىلەرنىڭ كېلىپ مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلۇش قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

  بايلىق ئارقىلىق مەبلەغ كىرگۈزۈپ، بايلىق ئارقىلىق كەسىپنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىق ئارقىلىق ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى، رىقابەت ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش چوڭ دولقۇنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا مەۋج ئۇرماقتا، شىنجاڭ كانچىلىق كەسپى ئارتۇقچىلىقىنى تەدرىجىي جارى قىلدۇرماقتا، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى ئاشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش