دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر ئون ماددىلىق تەدبىر ئېلان قىلدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-02 11:32:53

3 - پەسىلدە مۇقىم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، پۈتۈن يىلدا ئېشىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش

ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر ئون ماددىلىق تەدبىر ئېلان قىلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىز «ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئايدا ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر»نى ئېلان قىلىپ، يۇقۇمنىڭ پايدىسىز تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش، ئىقتىسادنىڭ 3 - پەسىلدە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، پۈتۈن يىلدا ئېشىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشقا دائىر ئون ماددىلىق تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىرىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلىنىدۇ. «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئومۇمىي تاكتىكىسى، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، 9 - نۇسخىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسى ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى ياخشى يولغا قويۇپ، «توققۇزغا يول قويماسلىق» تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدا بىرلىككە كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، دۆلەت، ئاپتونوم رايون چىقارغان ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەر پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر توققۇز جەھەتتىكى 46 تۈرلۈك تەدبىرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇنىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدۇ. قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەردە 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تولۇق ئىش باشلاشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، زاپاس تۈرلەردە پۈتۈن يىللىق ئىش باشلاپ يۈرۈشتۈرۈش نىسبىتىنى %50تىن ئاشۇرۇپ، 3 - پەسىلنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن يىللىق مەبلەغ سېلىش خىزمەت مىقدارىنىڭ %75تىن كۆپرەكىنى تاماملاشنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ يىل تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 900 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  تۆتىنچى، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ مۇھىم ئامىل كاپالىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ سىياسىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، سىياسەت خاراكتېرلىك، ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ۋاسىتىسىدىن گەۋدىلىك ياخشى پايدىلىنىپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۈرلەرنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، فوند كېلىشىمى ئىمزالاش ۋە تارقىتىش تېزلىتىلىدۇ، سودا بانكىلىرى تارقىتىلغان تۈرلەرگە بولغان يۈرۈشلەشكەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەدىتى سالمىقىنى زورايتىشقا يېتەكلىنىدۇ. مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس تۈر زايوم مەبلىغىدىن چىقىم قىلىش سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، مەبلەغ چىقىم قىلىش نىسبىتى قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ.

  بەشىنچى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىستېمالنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بۇ، ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا ئىلھام بېرىش، ھەرقايسى جايلارنىڭ «بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللاش، يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىشنى تېزلىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئالتىنچى، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىدۇ. بۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان يەرلىك ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى، ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش؛ «ئاق تىزىملىك»تىكى تاشقى سودا كارخانىلىرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ زاكازنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  يەتتىنچى، ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ شەرقىي جۇڭغار، قومۇل قاتارلىق جايلاردىكى چوڭ تىپتىكى كۆمۈر كانلارنىڭ ئىلغار، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى كۆمۈر كان تۈرلىرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش؛ ھازىرقى تۆمۈريول تىرانسپورت كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەقسىملەپ، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى لىنىيەسى، كورلا - گولمۇد، لىنخې - قومۇل ھەم ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالى - شەرقىي جۇڭغار قاتارلىق تۆمۈريول لىنىيەلىرىنىڭ تىرانسپورت كۈچى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئېچىپ، تۆمۈريولنىڭ «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» ئىقتىدارىنى 51 مىليون توننىغا يەتكۈزۈشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش؛ كۆمۈرگە دائىر ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك توختاملارغا ئەمەل قىلىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن يىللىق توختامغا ئەمەل قىلىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  سەككىزىنچى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ياخشى تۇتۇلىدۇ. بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق كارخانىلار ۋە ئاچقۇچلۇق تۈگۈن كارخانىلىرىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشكە تۈرتكە بولۇش؛ نۇقتىدىن نۇقتىغا، بىرگە بىر بولۇش بويىچە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 565 كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى «ئاق تىزىملىكى»دىكى كارخانىلارنى چىڭ كۆزلەپ، پۇختا كۆزلەپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت داۋامىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  توققۇزىنچى، ساياھەت - مەدەنىيەت بازىرىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا تۈرتكە بولىنىدۇ. «ئادەم سانىغا چەك قويۇش، ئالدىن كېلىشىش، يۇقىرى پەللە مەزگىلى بىلەن تاقاشتۇرماسلىق» پىرىنسىپى بويىچە، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تىجارىتىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ قايتا جانلىنىشى تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

  ئونىنچى، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىنىدۇ. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بويىچە باھالاشنى چىڭىتىپ، يازلىق، كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئېڭىز كۆممىقونىقى تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كۈزگى بۇغداي تېرىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا كۆلەمنى كېڭەيتىپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. كۆكتاتقا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئېڭىزغا كۆكتات تېرىش ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەسلىھەلىك پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنىڭ جىپسىلىشىشىنى ساقلاپ، قىشلىق، ئەتىيازلىق كۆكتاتلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ. كالا، قوي، چوشقا، ئۆي قۇشلىرى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، چارۋا مەھسۇلاتلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ. باھانى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش ھەقىقىي ياخشى ئىشلىنىدۇ. تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تەييار ماي قاتارلىق ئېنېرگىيە ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇغداي، ئۇن، ياغ، ئاش تۇزى، گۆش، كۆكتات قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش كۈچەيتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش