دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ 1-كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ​«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا بايرام كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى» ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ​داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى ​مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كاتتا بايرام تەبرىكلەندى يىلىغا 2000 توننا تىككۈچىلىك يىپى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

كەلكۈن سۈيى باشلىنىپ، ئۇسسۇزلۇق قاندۇرۇلدى
كەلپىن ناھىيەسىدىكى 410 مىڭ مو توغراقلىق قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-02 10:53:45

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى باش كۈزدە، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ قاراكۆل توغراقلىقىغا كىرسىڭىز، كۆپكۆك ئاسمان، ياپيېشىل دەرەخلەرنى، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇلارنىڭ ئورمانلىقنى كېسىپ ئۆتۈپ، توغراقلارنى «قانغۇچە» سۇغىرىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. 55 ياشلىق ئورمان مۇھاپىزەتچىسى غېنى ھوشۇر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مېنىڭ بۇ توغراقلىقنى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقىنىمغا 20 يىل بولدى، توغراقلارنىڭ باشلاپ كېلىنگەن كەلكۈن سۈيىنى «ئىچكەنلىكى»نى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، بۇ سۇ توغراقلىقنى سۇغىرىپلا قالماي، مېنىڭ قەلبىمنىمۇ سۇغاردى.

  2002 ـ يىلى، غېنى ھوشۇر كەلپىن ناھىيەلىك دۆلەت دەرىجىلىك ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئورمىنى قىزىلتام مەركىزىي باشقۇرۇش ـ پەرۋىش قىلىش پونكىتىغا كەلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى قاراكۆل توغراقلىقىنى چارلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان ئىدى.

  قاراكۆل توغراقلىقىنىڭ كۆلىمى 410 مىڭ مو ئەتراپىدا بولۇپ، بۇرۇن يەر ئاستى سۈيىگە تايىنىپلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدى. بۇ يىل 8 ـ ئاينىڭ بېشىدا، بىرىنچى قېتىم ۋادى ھالقىپ قاراكۆل توغراقلىقىغا كەلكۈن سۈيى باشلاپ سۇ تولۇقلاندى لېكىن، بۇ، پۈتۈن دائىرىدىكى توغراقلىقنىڭ سۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، 8 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى كەچتە ئىككىنچى قېتىملىق كەلكۈن سۈيىنى باشلاپ سۇ تولۇقلاش چۈشۈرگۈسى ئېچىۋېتىلدى ھەم باشلاپ كېلىنگەن سۇ 8 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى ئوڭۇشلۇق ھالدا قاراكۆل توغراقلىقىغا يېتىپ كەلدى. ھازىرغىچە، ئىككى قېتىم كەلكۈن سۈيىنى باشلاپ تولۇقلانغان سۇ مىقدارى 70 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى. 

  قاراكۆل توغراقلىقىغا كەلكۈن سۈيى باشلانغاندىن باشلاپ، غېنى ھوشۇر توغراقلىقتا تۇرۇشنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالدى، توغراقلار، چاتقاللارغا قاراپ، كۈن بويى خۇشاللىقىنى باسالمىدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: سۇ توغراقلىققا ئېقىپ كىرگەن شۇ دەقىقىدە، مەن بەك ھاياجانلاندىم. بۇ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ھەر كۈنى توغراق يوپۇرمىقىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىۋاتىمەن، يوپۇرماق رەڭگىنىڭ بارغانسېرى يېشىل بولۇشى توغراقنىڭ بارغانسېرى ياخشى ئۆسۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياۋايى ھايۋاناتلارنى بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلىشىشقا جەلپ قىلالايدۇ.

  8 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، مۇخبىر قاراكۆل توغراقلىقىدا، دەريا يولىدا سۇنىڭ راۋان ئېقىۋاتقانلىقىنى، ياۋا قۇشلارنىڭ سۇ ئىچىپ ئەركىن يايراۋاتقانلىقىنى، ياۋا توشقانلارنىڭ توغراقلىقتا ئەركىن چېپىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردى. مەيىن شامالدا، توغراقلارنىڭ ياپيېشىل يوپۇرماقلىرى يېنىك شىلدىرلايتتى. ئورمانلىقتىكى سۆكسۆك، يۇلغۇن، يانتاق قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈكلەرمۇ «باشقىچە تۈس»كە كىرگەن ئىدى.

  كەلپىن ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چى داخەي مۇنداق دېدى: ئۇزۇندىن بېرى سۇ كىرمىگەن قاراكۆل توغراقلىقىنىڭ ھازىر ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى، بۇنىڭدىن كېيىن بىز «يېشىللىقنى قوغداش، يېشىللىقنى كۆپەيتىش، يېشىللىقنى پەرۋىش قىلىش، يېشىللىقتىن پايدىلىنىش، يېشىللىقنى جانلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت بەشنى قىلىشنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، قوغداش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئېكولوگىيە بىلەن ئىقتىسادتا تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. قاراكۆل توغراقلىقىنىڭ ئېكولوگىيەلىك بايلىقىنى قوغداش ۋە ئىلمىي، مۇۋاپىق ئېچىش ئارقىلىق، ناھىيەمىزنىڭ ئالتە چوڭ خاس كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشىمىز.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن كەلپىن ناھىيەسى «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تىزگىنلەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇنى تىزگىنلەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، سىستېما قارىشى تۇرغۇزۇپ، ۋادى رايونىنى ئىلمىي، بىرتۇتاش پىلانلاش، سۇ مەنبەسىنى ئېچىش بىلەن ئېقىننى تىزگىنلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، قىسقا مۇددەت، ئۇزاق مۇددەت تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋادىنىڭ سۇ بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش، سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش