ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى 8 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، مەملىكەت بويىچە «خەلق رازى بولغان مەمۇر» ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، مەملىكەت بويىچە 397 مەمۇر ۋە 198 كوللېكتىپ تەقدىرلەندى. بۇنىڭ ئىچىدە ۋىلايىتىمىزدىن بىر مەمۇر، بىر كوللېكتىپ تەقدىرلەندى.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جېڭۋېي، ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، 4 ـ دەرىجىلىك ئالىي ساقچى باشلىقى تاھىر مىجىت مەملىكەت بويىچە «خەلق رازى بولغان مەمۇر» دېگەن نامغا؛ ئونسۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش