دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئىمپورت - ئېكسپورت بانكىسى 20 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق قەرز پۇل تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىنى قوللىدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-08-31 16:22:55

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، باش بانكا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن يىل بېشىدا ئىمزالىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى چۆرىدەپ، ئىمپورت - ئېكسپورت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىغان، 7 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، جەمئىي 21 مىليارد 95 مىليون يۈەن تۈرلۈك قەرز پۇل تارقاتقان.

  بۇ بانكا دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تاشقى سودا تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر 19 ماددىلىق تەدبىرنى تۈزۈپ ۋە بېسىپ تارقىتىپ، تاشقى سودا كەسپىگە ئائىت قەرز پۇلىدىن جەمئىي 10 مىليارد 517 مىليون يۈەن تارقىتىپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلات ۋە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، مەملىكەت سىرتى بازارلىرىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭ ماركىسىنى يارىتىپ، چەت ئەلنىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى، بايلىقى، ئېنېرگىيەسى قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ، شىنجاڭ تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىغا توغرىلىنىپ، بۇ بانكا ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قوللاش ئۈچۈن 300 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقىتىپ، يادرولۇق رايوننى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى بوشلۇق يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى قاتارلىقلارنىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن 300 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقىتىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلانما سۇپا قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول»، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، بۇ بانكا 2 مىليارد يۈەن «بىر بەلباغ، بىر يول» قەرز پۇلى تارقىتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى چەت ئەلگە چېتىشلىق نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ كورېيە، تۈركىيە قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەردە بازارنى كېڭەيتىشىنى قوللىدى، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇشىغا مەدەت بەردى.

  «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، بۇ بانكا شىنجاڭنىڭ مول كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقى، ئېنېرگىيە بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەۋزەل بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كۆمۈر، كالىيلىق تۇز، مىس كېنى، تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇش تۈرلىرىنى قوللاپ 4 مىليارد 300 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقاتتى.

  خەلق پۇلىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئىشلىتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈستىگە ئالغان بانكىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ بانكا باش بانكا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، شۆبە بانكىنىڭ خەلق پۇلىنى چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، خەلق پۇلىنى چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىپ ئىشلىتىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، خەلق پۇلى بىلەن چېگرا ھالقىپ راسچوت قىلىش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، ئالدىنقى يەتتە ئايدا چېگرا ھالقىپ بېجىرگەن خەلق پۇلى كەسىپ سوممىسى جەمئىي 934 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش