ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يەتتە ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 115 مىليارد 470 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.1 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 27.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.
ئالدىنقى يەتتە ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 95 مىليارد 40 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46.7 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 32 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان، ئىمپورت ئومۇمىي قىممىتى 20 مىليارد 430 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 3.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.
ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى %80 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ تاشقى سودىسىدا ئېشىش ئىشقا ئاشقان، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تاشقى سودىسىدا ماس تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن. ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق شىمالىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يەنىلا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدىكى ئاساسىي قوشۇن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئېشىش ھەجمى ئەڭ زور بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %241.8 ئاشتى. بۇنىڭدىن سىرت، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %55.6، %83.5، %37.5 ئاشتى.
سودا شەكلىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى يەتتە ئايدا، شىنجاڭنىڭ چېگرا ئاز سوممىلىق سودا شەكلىدىكى ئىمپورت - ئېكسپورتى 65 مىليارد 440 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.1 ئاشتى، ئادەتتىكى سودا شەكلىدىكى ئىمپورت - ئېكسپورتى 37 مىليارد 180 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.4 ئاشتى، ئىككىسىنىڭ جەملىمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودىسى ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %88.9ىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭ تاشقى سودىسىدىكى ئاساسلىق سودا شەكلىگە ئايلاندى.
تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى بولغان. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان جەملىمە ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى جەمئىي 87 مىليارد 650 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44.4 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودىسى ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %75.9ىنى ئىگىلىگەن. «بىر بەلباغ بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 105 مىليارد 120 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44.1 ئېشىپ، شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %91ىنى ئىگىلىگەن. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېز بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.7 ئاشقان؛ RCEP دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.4 ئاشقان.
شىنجاڭ ئاساسلىق ئېكسپورت قىلىدىغان تاۋارلار ئومۇميۈزلۈك كۆپەيدى، مېتال رۇدىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ھەم كۆمۈر ئىمپورتىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى. ئېكسپورت تاۋارلىرى ئاساسلىقى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلار ۋە ماشىنا ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئىككىسىنىڭ جەملىمىسى شىنجاڭ تاشقى سودا ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %80.7ىنى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئاياغ - ئۆتۈكنى ۋەكىل قىلغان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتى 49 مىليارد 170 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.2 ئاشتى، ماشىنا ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.5 ئاشتى.
ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى ۋۇ ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر شىنجاڭدا ئەمەلىي بار بولغان ئەنگە ئېلىنغان تاشقى سودا كارخانىسى 14 مىڭ 889، ئالدىنقى يەتتە ئايدا، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 103 مىليارد 90 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.9 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودىسى ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %89.3ىنى ئىگىلىدى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش