دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

پەيزاۋات شىنمېيسى تور ۋە تور سىرتىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5000 توننا سېتىلدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-08-31 16:25:47

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

  سوغۇق زەنجىرلىك ئاپتوموبىللار تەرتىپلىك كىرىپ چىقتى، زاكازلار تېز ئەمەلىيلەشتى... پەيزاۋات ناھىيەسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، شىنمېي سېتىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتتى.

  «نۆۋەتتە، بىز <تور> شەكلى ئارقىلىق كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5000 توننا شىنمېي ساتتۇق.» پەيزاۋات ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، پەيزاۋات ناھىيەسى «بىر ئاپتوموبىلدا بىر ئادەم، بىر يول خېتى بولۇش» بويىچە يول خېتى تارقىتىپ، شىنمېي سېتىۋېلىش، سېتىش كارخانىلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شىنمېي ئۆستۈرۈش كۆلىمى 450 مىڭ مو، بۇ يىل 230 مىڭ مو يەردىكى شىنمېي مېۋىگە كىردى، ھوسۇلىنىڭ 160 مىڭ توننا بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  پەيزاۋات شىنمېيسىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ۋە ئەڭ ياخشى سۈپەتتە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىش ئۈچۈن، پەيزاۋات ناھىيەسى «تور + تور سىرتى» شەكلى ئارقىلىق «جىڭدۇڭ سېتىش سۇپىسى + ۋاڭخۇڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش» تور ئەندىزىسىگە ۋە تور سىرتىدا شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى، بەيگويۈەن ئوقەتچىلىك (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق دۇكىنىغا تايىنىپ، پەيزاۋات شىنمېيسىنى شىنجاڭدىن چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈردى.

  «كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مېنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيۈمگە كىرىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن، بۈگۈن مەن سىلەرگە بىزنىڭ خاس مەھسۇلاتىمىز پەيزاۋات شىنمېيسىنى تونۇشتۇرىمەن.» پەيزاۋات ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزىگە كىرگىنىمىزدە، ئاناخېنىم ئەلى ئىشخانىسىدا دوۋيىندا بىۋاسىتە كۆرسىتىۋاتاتتى، «پەيزاۋات شىنمېيسىنىڭ ئېتى يۇمشاق، خۇش پۇرىقى كۈچلۈك، بىر چىشلىسىڭىز چەكسىز لەززەت بېغىشلايدۇ، ئىنتايىن يېيىشلىك».

  ئاناخېنىم كامېرا ئالدىدا پەيزاۋات شىنمېيسىنى كۆرسەتتى، تورداشلار 100 يەشىكتىن ئارتۇق زاكاز چۈشۈردى. بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېكرانىدا ياخشى باھالار ئۈزۈلمىدى.

  «مۇشۇ كۈنلەردە، بىز 120 مىڭدىن ئارتۇق زاكاز بويىچە جەمئىي 500 توننىدىن ئارتۇق پەيزاۋات شىنمېيسىنى ساتتۇق.» پەيزاۋات ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جاڭ يالى مۇنداق دېدى: «كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 8000 زاكاز چۈشۈپ، سېتىلغان پەيزاۋات شىنمېيسى 32 توننا بولدى».

  توردا سېتىش جانلاندى، تور سىرتىدا سېتىش تېخىمۇ شۇنداق. پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ يۆجيا شىنمېي كەسىپلەر باغچىسىدا، جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەمىنلەش زەنجىرى مەركىزىنىڭ 12 ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايرىش - تاللاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقاردى، ئەمدىلا ئۈزۈلگەن شىنمېي ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئاپتوماتىك ئايرىلىپ، بىرتۇتاش بەلگە قويۇلغان ئوراش - قاچىلاش سېۋىتىگە قاچىلاندى، تۇراقلىق تېمپېراتۇرىلىق سېختا ئاپتوماتىك پىششىقلىنىپ ۋە يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتىدا ئالدىن سوۋۇتىلغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىپ بازارغا توشۇلىدۇ.

  «ھەر كۈنى پىششىقلىنىدىغان پەيزاۋات شىنمېيسى 50 توننىدىن ئاشىدۇ، قۇرۇقلۇق تىرانسپورتى ئارقىلىق ئۈچ كۈندە، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئارقىلىق ئىككى كۈندە ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ» دېدى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ مەسئۇلى.

  جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەمىنلەش زەنجىرى مەركىزى 1500دىن ئارتۇق سوغۇق زەنجىرلىك ئاپتوموبىلنى تەشكىللەپ، جۇڭجى گۇرۇھى، شۈنفېڭ شىركىتى 1100 سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلىنى ماسلاشتۇرۇپ، شىنمېينىڭ سېتىلىشىنى ئىشەنچلىك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

  «بىز ھەر كۈنى سوغۇق زەنجىرلىك ئاپتوموبىل ئارقىلىق گۇاڭجوۋ، شېنجېن قاتارلىق جايلارغا 300 توننا پەيزاۋات شىنمېيسى توشۇيمىز.» قەشقەر بەيگو ئەندا ئاقىل يېزا ئىگىلىكى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شيې جىنشەن مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، شىركەتتە شۇ جايدىكى 100گە يېقىن خىزمەتچى توشۇش، تاللاش - ئايرىش، ئوراش - قاچىلاش، ئالدىن سوۋۇتىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتنىشىۋاتىدۇ، مەھسۇلاتلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى 5000دىن ئارتۇق دۇكانغا تارقىتىلىۋاتىدۇ، پەيزاۋات شىنمېيسى پۈتۈن مەملىكەتتە بازار تاپتى ھەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئامېرىكا بازارلىرىغا سېتىلىۋاتىدۇ».

  «جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، پەيزاۋات شىنمېيسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى كۈندىن - كۈنگە ياخشى بولۇۋاتىدۇ.» شىنجاڭ جۇڭلى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن پىڭ مۇنداق دېدى: 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شىركىتىمىز ھەر كۈنى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا توشۇغان پەيزاۋات شىنمېيسى 150 توننىغا يەتكەنىدى، ھازىر كۆپىيىپ 200 توننىغا يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش