دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-08-30 10:31:30

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، پەن - تېخنىكا تەتقىقات سېلىنمىسىنى زورايتىش، تېخنىكا توختامىنى تىزىملاشنى ياخشى ئىشلەش، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار توپىنى تېزدىن يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا ياردەم قىلىش - يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بېكىتىش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش، رىغبەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈش، ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش ۋە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، سەر خىل كۈچلەرنى تاللاپ، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۈتۈن يىللىق بەرپا قىلىش خىزمىتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

يىغىن سىن شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش