دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 174 ـ قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-08-29 11:01:36

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 174 ـ قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭ كۆمۈرلۈكىدە ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى تېزلىتىش مۇھاكىمە قىلىندى، گوۋۇيۈەننىڭ 9 ـ قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلىشىش، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقى مول، لېكىن ئالاھىدە كىلىمات ۋە كۆمۈر قاتلىمىنىڭ ساقلىنىش شارائىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆمۈرلۈكتە ئوت ئاپىتى ئاسان، كۆپ يۈزبېرىدۇ، كۆمۈرلۈكتە ئوت ئۆچۈرۈش ۋەزىپىسى مۈشكۈل. «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۆمۈرلۈكتىكى ئوت ئاپىتى يۈزبېرىدىغان رايونلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆمۈرلۈكتىكى ئوت ئاپىتىنى كۆزىتىش ـ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆمۈرلۈكتىكى ئوت ئاپىتى يۈزبېرىدىغان رايونلارنىڭ ساقلانما مىقدارىنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، كۆمۈرلۈكتىكى ئوت ئاپىتى يۈزبېرىدىغان رايوننىڭ كۆپىيىش مىقدارىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ئۇنى تىزگىنلەپ، «كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنى ئېچىش ـ قوغداش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. كۆمۈرلۈكتىكى ئوت ئاپىتى يۈزبېرىدىغان رايونلارنى تۈزەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭ كۆمۈرلۈكىدىكى ئوت ئاپىتىنى كۆزىتىش ـ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقات سالمىقىنى زورايتىپ، كۆمۈرلۈكتىكى ئوت ئۆچۈرۈشنىڭ پەن ـ تېخنىكا سەۋىيەسى، ئوت ئۆچۈرۈش سۈپىتى ۋە ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۆمۈرلۈكتىكى ئوت ئاپىتى يۈزبېرىدىغان رايونلارنى تۈزەش سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: گوۋۇيۈەننىڭ 9 ـ قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە بولغان «سىياسىي تەكشۈرۈش»، ھەم شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشىغا بولغان كۈچلۈك ھەيدەكچىلىك، شۇنداقلا ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، خىزمەت ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى پايدىلىق پۇرسەت. سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، توغرا پوزىتسىيە، چوڭقۇر تونۇش، كۈچلۈك ھەرىكەت ئارقىلىق چوڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا سېلىشتۇرۇپ، ئەستايىدىللىق، ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، تەلەپكە توغرىلىنىپ، ھېساباتقا توغرىلىنىپ، سىياسەت ـ تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ۋە مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ ھەم بۇ قېتىمقى چوڭ تەكشۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئېلىپ، 9 ـ نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش لايىھەسىدىكى تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ئورۇن، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا بولغان تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ۋە «قايتا قاراپ چىقىش»نى كۈچەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق رايونلار ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش، مۇسبەت چىققانلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش، يۆتكەش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. جەمئىيەت قاتلىمىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ جەمئىيەت قاتلىمىدىكى يۇقۇم خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئىنكاس قىلغان ئىلتىماس ـ تەلەپلەرنى بىرمۇبىر چىڭ تۇتۇپ بېجىرىپ، «ياشانغانلار، ئاجىزلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر، بالىلار، ھامىلىدارلار»غا ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆيۈنۈش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش