دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ «جۇڭگونىڭ بۇ 10 يىلى . شىنجاڭ» باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-08-29 11:06:54

ما شىڭرۇي باش تېمىلىق سۆز قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى، ئەركىن تۇنىياز، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى

8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ «جۇڭگونىڭ بۇ 10 يىلى . شىنجاڭ» باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ «جۇڭگونىڭ بۇ 10 يىلى . شىنجاڭ» باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ قادېن كەبىن رىياسەتچىلىك قىلدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى 10 يىل، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىنغان 10 يىل، شۇنداقلا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى شىنجاڭدا ئۇلۇغ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن، جاسارەت بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىلغان 10 يىل بولدى. 10 يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن ـ ئاخىر شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى، 2 ـ، 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى، كۆپ قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىپ يىغىن ئېچىپ شىنجاڭ خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئۆزى بىۋاسىتە شىنجاڭ ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، رول تۇتۇپ يول باشلىدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىل 7 ـ ئايدا باش شۇجى يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلاپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە قۇدرەتلىك سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلىدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالدى، ھەسسىلەپ روھلاندى، داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى چىن قەلبتىن ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقماقتا. ھازىرقى شىنجاڭدا جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلىمەكتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىنىڭ ھەممە يېرىدە تىنچ، ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى.

ما شىڭرۇي پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەمدە شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئۇدا كۈرەش قىلغان جانلىق ئەمەلىيىتىنى بەش جەھەتتىن تونۇشتۇردى. بىرىنچى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇردۇق، نۇقتىلىق ساھەلەردە نىزام چىقىرىشنى تېزلىتىپ، ياخشى نىزام ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلدۇق؛ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچ ـ ئامانلىققا، مۇقىملىققا بولغان ئارزۇسى ۋە ئۈمىدىنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ تىنچ ـ ئامان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى 2012 ـ يىلىدىكى %87.58تىن 2021 ـ يىلىدىكى %99.14كە ئۆستۈردۇق. ئىككىنچى، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىغا، دىنلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى ياراتتۇق. پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى مائارىپى ۋە ئۇنى ئۆگىنىش، ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن ـ سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتى ۋە دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئۈچىنچى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدۇق. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلىدۇق، يېتەكلىدۇق؛ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخىي ئىزنالىرى» «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت» قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقاردۇق. تۆتىنچى، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇق. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولدۇق. 2021 ـ يىلى، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىپ، 2012 ـ يىلىدىكىدىن بىر قاتلاندى؛ شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 37 مىڭ 642 يۈەن ۋە 15 مىڭ 575 يۈەن ئاشتى. تۆمۈريول، تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدۇق، نېفىت ـ تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى؛ مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئەمىن ئۆي قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتۇق، 3 مىليون 64 مىڭ 900 يېزا نامرات نوپۇسىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتۇق؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتۇق. بەشىنچى، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلىدۇق. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى كاپالەتلەندۈردۇق. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق؛ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، ھەر مىللەت مۇنەۋۋەر كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردۇق، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىنى تەسىس قىلدۇق؛ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتتۇق، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: 10 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مالىيە يۆتكىمە چىقىمى، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى، ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا غايەت زور مەدەت بەردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەلەر زور كۈچ بىلەن ياردەم بەردى، بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنى قەلبىگە چىڭ پۈكتى، چىن قەلبىدىن مىننەتدار بولدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: 10 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىمىزدە، بىز شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، شىنجاڭدا بارلىققا كەلگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىنتايىن دانا، تامامەن توغرا بولۇپ، بىز پەقەت تولۇق، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلساقلا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى چوقۇم يارىتالايمىز. يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتە بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش، ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوغداش، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ بەس ـ بەستە سوئال سورىدى، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، جاڭ چۇنلىن، چېن ۋېيجۈن بىر ـ بىرلەپ جاۋاب بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش