دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئاسىيا، ئافرىقىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-08-29 10:58:34

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئاسىيا، ئافرىقىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولغان ئاسىيا، ئافرىقىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى ھەم شىنجاڭنىڭ تارىخ، جۇغراپىيە، ئادىمىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالى ھەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى نامايان قىلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تىنچ، ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا بېرىپ نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيەدە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىناق، تىنچ جەمئىيەت مۇھىتىنى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق بولغان ياخشى كەيپىياتنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ۋە ھېس قىلىپ، شىنجاڭغا قارىتا تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، ھەقىقىي چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. پاكىت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق كەڭ، تولۇق، ھەقىقىي، كونكرېت، ئەسقاتىدىغان، ئۈنۈملۈك كىشىلىك ھوقۇقتىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولدى، شىنجاڭغا ئالاقىدار بارلىق يالغان - ياۋىداق سۆز، پىتنە - ئىغۋالارنىڭ ھەممىسى پاكىت ئالدىدا ئۆز - ئۆزىدىن بىتچىت بولىدۇ. بەزى دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە نەيرەڭۋازلىق قىلىپ، جۇڭگوغا قارا چاپلاشقا ئۇرۇنۇشتەك رەزىل سۇيىقەستى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئادىل، ئوبيېكتىپ مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، جەنۋەدىكى كۆپ تەرەپلىك سەھنە ئارقىلىق جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىناق، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان ۋە خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ھەقىقىي ئەھۋالىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە تونۇشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازىر، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىۋاتىدۇ، ئاسىيا، ئافرىقىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى قاتارلىق پۇرسەتلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  سېررالېئوننىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى گوبارى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭدا كۆپ مەنبەلىك، زامانىۋى، سىغدۇرۇشچان جەمئىيەتنى كۆردۈم، بۇ، خەلقئارادىكى بەزى كىشىلەر تارقاتقان جۇڭگو شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ھەتتا «ئىرقىي يوقىتىش» بار دېگەن پىتنە - ئىغۋالارغا تامامەن ئوخشىمايدىكەن. ھەرقانداق بىر دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەممىسى تېررورىزم، ئەسەبىزمگە تاقەت قىلىپ تۇرالمايدۇ، بىز جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە چوڭقۇر قايىل بولدۇق. بىز جۇڭگونىڭ ھەققانىي مەيدانىنى قەتئىي قوللايمىز ھەم جۇڭگو شىنجاڭغا قارا چاپلايدىغان بارلىق ئاۋازلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمىز.

  ئېرىترېيەنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋاقىتلىق دىپلوماتىك ۋەكىلى ئىدىرىس، زىمبابۋېنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى ساماسۇ، لائوسنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى سوسى چاكې، سومالىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى ئابىد مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى رېئال ھەم كونكرېت بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ھوقۇق - مەنپەئىتى ئىنتايىن ياخشى قوغدىلىپتۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق بىزنىڭ خەلقئارا سەھنىدە جۇڭگو شىنجاڭ ئۈچۈن ئادالەت يولىدا ھەق سۆزلەش ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قەتئىي قوللاپ، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللاپ، جەنۋەدە خىزمەت قىلىش داۋامىدا جۇڭگو شىنجاڭدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمىز ۋە ھېس قىلغانلىرىمىزنى ئەينەن سۆزلەپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى، قارا چاپلىشىغا رەددىيە بېرىمىز.

  لېسوتونىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ماتگاما، كوتېدى ئىۋۇئېرنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى كېندىيا، ئىراقنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى ئاتايى، گامبىيەنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى داكوستا، كامېروننىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەسلىھەتچىسى بوسى قاتارلىقلار مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى، بولۇپمۇ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەنلىكى، تەرەققىي قىلغانلىقى، ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىگە قايىل بولدۇق. جۇڭگو خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كىشىلىك ھوقۇق، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ پاكىتنى تېخىمۇ تولۇق، ئوبيېكتىپ تونۇشى كېرەك. رولىمىزنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئاسىيا، ئافرىقىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

  چېن ۋېيجۈن، لى شۆجۈن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش