دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

جۇڭگونىڭ بۇ ئون يىلى. شىنجاڭ | شەھەر، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىىنىڭ ھەممىسنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-08-29 10:49:01

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى گو لىڭ، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: مۇخبىرلارنىڭ «جۇڭگونىڭ بۇ ئون يىلى. شىنجاڭ» باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتكەن، 2012-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 460 مىڭدىن ئاشقان، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەنلەر يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 مىليون 850 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان، شەھەر-يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

   بولۇپمۇ بۇ يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنىڭ مۆلچەردىن ھالقىغان زەربىسى ئالدىدا، شىنجاڭ دېھقان ئىشچىلار، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى دەل ۋاقتىدا تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ھەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىي ئەھۋالىنى، تەرەققىيات ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرغان، ھەم خەلق ئاممىسىنىڭ ھەميېنىنى ئۈزلۈكسىز تومپايتقان.

    2012 ـ يىلىدىن 2021 ـ يىلىغىچە، شىنجاڭدىكى شەھەر ـ بازار ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %7.9 ، %9.5 بولۇپ، سىجىل، بىرقەدەر تېز ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش