دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

گوۋۇيۈەننىڭ 9 - قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشى بويىچە 19 - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىدە ئۇچرىشىش يىغىنى ئاچتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-08-29 10:45:37

لياڭ تاۋ سۆز قىلدى   ئەركىن تۇنىياز ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: گوۋۇيۈەننىڭ 9 - قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 19 - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئۇچرىشىش يىغىنى ئاچتى. 19 - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، بانكا - سۇغۇرتا ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لياڭ تاۋ سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

لياڭ تاۋ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئىنتىزام تەلىپىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش»، «مىخ قېقىش روھى بىلەن قەتئىي تەۋرەنمەي ئورۇنلاشتۇرمىنى تۇتۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، تەكشۈرۈشنى تۇتۇش» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ «ماكرولۇق ئىقتىساد ئومۇمىي گەۋدىسىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇش، تەكشۈرۈشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى <ئۆتكۈر>لىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش» توغرىسىدىكى خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى ئورۇنلاشتۇرمىلار ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنى پۇختا مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن 9 - قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. 19 - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، بىر ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش، بەش مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈش ۋە ئىككى مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ. نەق مەيداندا تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يىپ ئۇچىنى ئېلىپ بېرىپ، مەسىلىگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مەسىلىنى كۆزلەپ تۈزىتىپ، «تۆتنى قىلماسلىق، ئىككى بىۋاسىتە» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، بىر قىسىم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەلەردىكى مەسئۇل يولداشلار، كارخانا مەسئۇللىرى، يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، ئامما ۋەكىللىرى بىلەن زىيارەت سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مۇھىم، زور سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ساقلانغان قىيىن مەسىلىلەرنى ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلايدۇ.

ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن 19 - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى چوڭ تەكشۈرۈش ھەم شىنجاڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە بولغان «سىياسىي تەكشۈرۈش»، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بولغان «تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈش»، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشىغا بولغان كۈچلۈك ھەيدەكچىلىك. بىز بۇ قېتىمقى چوڭ تەكشۈرۈشنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەت سىنىقى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم، زور پۇرسىتى قىلىپ، ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىدە كۆزلىمە نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كۆرسەتكەن مەسىلىلەر، ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر - تەكلىپلەرنى بىز سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، تىزىملىك بويىچە تولۇق قوبۇل قىلىپ، بىلگەن ھامان دەرھال تۈزىتىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. چوڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، جارۇللا ھېسامىدىن، چېن مىڭگو، سۈن خۇڭمېي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش