دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

796 ئىلتىماس ـ تەلەپ تاپشۇرۇۋېلىندى، بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-08-19 11:39:49

يۇقۇم جەريانىدا ياردەم تەلەپ قىلىش مەخسۇس سەھىپىسى تەسىس قىلىنغان تۇنجى كۈنى

796 ئىلتىماس ـ تەلەپ تاپشۇرۇۋېلىندى، بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىمىڭ خەۋەر قىلىدۇ: «8 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەن <ئانار> سۇپىسىنىڭ يۇقۇم جەريانىدا ياردەم تەلەپ قىلىش مەخسۇس سەھىپىسىدە قەشقەر شەھىرىدىن مەكىت ناھىيەسىگە قايتىش ئىلتىماس ـ تەلىپىنى يوللىدىم، ئويلىمىغان يەردىن شۇ كۈنى كەچتە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ماڭا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ جاۋاب بەردى.» 8 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىسى تاڭ ئەپەندى مىننەتدارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «بۇ بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مەخسۇس سەھىپىسى ناھايىتى ۋاقتىدا تەسىس قىلىنىپتۇ، ئامما يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى تېز ھەل قىلىپ بېرەلەيدىكەن».

  ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس سۇنۇش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 8 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۇپىسىدا يۇقۇم جەريانىدا ياردەم تەلەپ قىلىش مەخسۇس سەھىپىسى تەسىس قىلىندى، بۇ مەخسۇس سەھىپە تورداشلارنىڭ ئىلتىماس ـ تەلىپىنى شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابلىرىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭىدىن تېز سۈرئەتلىك يول ئاچتى.

  سەھىپە ئېچىلغان كۈنى، «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۇپىسى ھەرقايسى جايلاردىكى تورداشلارنىڭ 796 ئىلتىماس ـ تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالدى. نۆۋەتتە، تورداشلار يۇقۇم جەريانىدا ياردەم تەلەپ قىلىش مەخسۇس سەھىپىسىدە ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ھەر دەرىجىلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابلىرىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى، بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ئىلتىماس ـ تەلىپى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا ھەل قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى كېسەل كۆرسىتىش، دورا ئىشلىتىش قاتارلىق ئاممىنىڭ جىددىي ئىلتىماس ـ تەلىپىنى تېزدىن ئىز قوغلاپ، ئاممىنىڭ «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» بىر تۈركۈم مەسىلىلىرىنىڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

  «مەن ھازىر چۇڭچىڭدا، بىۋاسىتە قەشقەرگە ئۇچۇپ بېرىپ، ئاندىن قەشقەردىن مەكىتكە قايتىشنى ئويلىشىۋاتىمەن، يۇقۇم مەزگىلى بولغاچقا ئوڭۇشلۇق قايتالايدىغان ـ قايتالمايدىغانلىقىمنى بىلەلمىدىم. بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن سۇپىلاردىن سورىغان بولساممۇ قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنىدىم.» تاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: كېيىن «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۇپىسىنىڭ يۇقۇم جەريانىدا ياردەم تەلەپ قىلىش مەخسۇس سەھىپىسى تەسىس قىلغانلىقىنى بىلىپ، سۆز قالدۇرۇپ ئىلتىماس ـ تەلىپىمنى يازدىم، شۇ كۈنى كەچتىلا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بەرگەن جاۋابقا ئېرىشتىم. «نوپۇزلۇق جاۋابقا ئېرىشىپ، كۆڭلۈمدە سان بولدى، نۆۋەتتە مەن 8 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى قەشقەرگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنى زاكاز قىلىپ قويدۇم. بۇ ئىش جايىدا بېجىرىلدى، مەن جەزمەن <ئانار> سۇپىسىنى ئالقىشلايمەن».

  «ھامىلىدار ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىندى ھەم تۇغدى، تۈرلۈك ھاياتلىق كۆرسەتكۈچلىرى نورمال» «دوختۇرخانىدا تۇرۇپ قالغان تورداشنى مەھەللە تىنچ ـ ئامان ئۆيىگە قايتۇرۇپ كەلدى» «ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى تورداشلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى»... مۇخبىر تورداشلارنىڭ ئىلتىماس ـ تەلىپىنىڭ ھەل قىلىنىش ئەھۋالىنى قايتا زىيارەت قىلغاندا، تورداشلار ئىنكاس قىلغان نۇرغۇن مەسىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئېتىبار بېرىشىگە ئېرىشكەنلىكىنى ھەم ھەل قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىدى.

  8 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن بۇيان، «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۇپىسى تورداشلارنىڭ جەمئىي 2000دىن ئارتۇق قالدۇرغان سۆزىنى تاپشۇرۇۋالدى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تورداشلار سۇپا ئارقىلىق يۇقۇم مەزگىلىدىكى سەپەرگە چىقىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش، داۋالىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلدى. يۇقۇم جەريانىدا ياردەم تەلەپ قىلىش مەخسۇس سەھىپىسى تەسىس قىلىش، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جىددىي ئىلتىماس ـ تەلەپلەرنى تېز سۈرئەتتە ئىز قوغلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۇپىسى ئامما ئىنكاس قىلغان بىر تۈركۈم «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش