دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ھەر ۋاقىت كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش تولۇق قاپلىدى، «بۇلۇت» تېرمىنالى كۈچەپ، باشقۇرۇش ـ قوغداشقا ياردەم قىلدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-08-19 11:41:13

بايىنبۇلاق تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا:

ھەر ۋاقىت كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش تولۇق قاپلىدى، «بۇلۇت» تېرمىنالى كۈچەپ، باشقۇرۇش ـ قوغداشقا ياردەم قىلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: «يىراق مۇساپىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش سۇپىسىدىكى يۇقىرى ئېنىقلىققا ئىگە 59 تېلېكامېراغا تايىنىپ، قوغدىلىدىغان رايوندىكى ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ مۇھىم كىرىش ـ چىقىش ئېغىزى، ئارىلىق رايونى، ئىنسانلار ھەرىكىتى كۆپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز رايونلاردا ھەر ۋاقىت كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» 8 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، شىنجاڭ بايىنبۇلاق دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش ئىدارىسى مەركىزىي باشقۇرۇش ـ قوغداش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى يۈسۈپ راخمان مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش ـ قوغداشنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز يولغا قويۇشقا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرى نۇقتىسىنى شىفىرلاشتۇرۇپ، كۆچمە تېرمىنال قوبۇل قىلىش سىستېمىسى قۇرماقتا.

  بۇ، 27 كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش ئېكرانىدىن تەركىب تاپقان «غايەت زور تام» بولۇپ، خىزمەتچى خادىملار مائۇسنى يېنىك چەككەن ھامان، شىنجاڭ بايىنبۇلاق دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ كىرىش ـ چىقىش ئېغىزى، نۇقتىلىق رايون قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر ئېكراندا بىر ـ بىرلەپ پەيدا بولىدۇ. «پاھ! ئۇ ئاق قۇغۇ؟» بىللە كەلگەن خىزمەتداشلار ھەيران بولغان ھەم خۇشال بولغان ھالدا توۋلىشىپ كەتتى. كۆرۈنۈشنى يېقىنلاتقاندا، ئىككى ئاق قۇ كۆز ئالدىدا ئېنىق نامايان بولدى، ئۇلار بەخىرامان ھەم گۈزەل بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيتتى.

  تارىم دەرياسىدىكى مۇھىم مەنبە ئېقىن قايدۇ دەرياسى بايىنبۇلاق يايلىقىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بايىنبۇلاق دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىكى 140 مىڭ گېكتارغا يېقىن كېلىدىغان رايونغا كۆل ۋە سازلىقلار زىچ تارقالغان بولۇپ، جۇڭگودىكى ياۋا ئاق قۇ كۆپىيىدىغان، ماكان تۇتىدىغان ئەڭ چوڭ جاي. ھەر يىلى باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا، 10 مىڭغا يېقىن ئاق قۇ يىراق ـ يىراقلاردىن بۇ يەرگە ئۇچۇپ كېلىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنبۇلاق قوغدىلىدىغان رايوننى باشقۇرۇش ئىدارىسى چارلاش ـ قوغداش سالمىقىنى كۈچەيتكەندىن باشقا، يەنە زامانىۋى تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، باشقۇرۇش ـ قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چارۋا بېقىشتىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇشنى يىراقتىن سىنلىق كۆزىتىش سىستېمىسى، رەقەملىك بىر گەۋدىلەشكەن بۇلۇت سۇپىسى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئارقا ـ ئارقىدىن يولغا قويدى. 2020 ـ يىلى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، نۇقتىلىق رايونلارنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىش ـ ئۆلچەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، قوغدىلىدىغان رايوننىڭ سۇ سۈپىتى، سۇ رايى، ھاۋارايى، تۇپراق مۇھىتىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ ـ ئۆلچەپ، بۇلۇت ھېسابلاشتىن پايدىلىنىپ سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش، تەھلىل قىلىش، ساقلاش، ئالدىن سىگنال بېرىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىقتىدارلارنى ئىشقا ئاشۇردى.

  «نۇقتىلىق رايونلارغا قارىتا، بىز 24 سائەت ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ـ قوغداش تېخىمۇ دەل جايىدا بولۇش، ئىنكاس تېخىمۇ تېز بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.» يۈسۈپ مۇنداق دېدى: باشقۇرۇش ـ قوغداش خادىملىرى بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش ئارقىلىق، قوغدىلىدىغان رايوندىكى تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بايقاش، بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە تېزلەشتى، بەزى نۇقتا ـ ئورۇنلاردا يېرىم سائەت ئىچىدە نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ قانۇنغا خىلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشقا ئاشتى.

  قوغداش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، قوغدىلىدىغان رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، ئاق قۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل ياۋايى ھايۋانلار تۈر توپىنىڭ سانى يىلدىن ـ يىلغا كۆپەيدى.

  يۈسۈپنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئەگىشىپ قوغداش رايونىغا كىردۇق، بىرنەچچە مىنۇت مېڭىشىمىزغىلا، ئۇ ئاپتوموبىلىنى توختاتتى. «قاراڭ، ئاۋۇ قارا لەيلەك.» يۈسۈپ مۇنداق دېدى: «قارا لەيلەكنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز، تەبىئىتى ھوشيار ھەم قورقۇنچاق، مۇھىتقا بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى. بۇلتۇر بىز ئون نەچچە قارا لەيلەكنى بايقىغانىدۇق، بۇ يىل سانى كۆپىيىپ 40 ئەتراپىغا يەتتى».

  يۈسۈپ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر، قوغدىلىدىغان رايوندا ئاق قۇ، قارا لەيلەكتىن باشقا، يەنە كۈل رەڭ تۇرنا، قىزىل چىپار ئۆردەك، يېشىل باش ئۆردەك، كۆك غاز، ئالىباش ياۋا غاز قاتارلىقلار بار، ياۋا غاز، ئۆردەك تۈرىدىكىلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا نەچچە يۈز مىڭغا يېتىدۇ. «بۇ يەرنىڭ مۇھىتىنى ياخشى قوغدىغانلىق تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ياخشى قوغدىغانلىق» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش