دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ 1-كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ​«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا بايرام كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى» ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ​داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى ​مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كاتتا بايرام تەبرىكلەندى يىلىغا 2000 توننا تىككۈچىلىك يىپى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش توختاپ قالمىدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-08-19 11:43:38

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

  ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مۇرەككەپ ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، نېفىت ـ تەبىئىي گاز، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلىرى، نۇقتىلىق كارخانىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى.

  كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىشى تەرتىپلىك بولدى

  1300دىن ئارتۇق كىشى كارخانىدا تۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا قاتنىشىپ، كۆمۈرنىڭ قېزىلىشى، توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  8 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان جۇڭليەن رۇنشى شىنجاڭ كۆمۈرچىلىك چەكلىك شىركىتىدە، ئەمدىلا قېزىپ چىقىرىلغان كۆمۈر يۈك ئاپتوموبىللىرىغا قاچىلىنىپ، شىخەنزە شەھىرى، ماناس ناھىيەسى، تۇرپان شەھىرىدىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىغا يەتكۈزۈلدى.

  «ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى سۇپىسىغا تايىنىپ، يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى خېسۇەن تەكشۈرۈش ۋە يۈرۈش كودى ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈپ ئالدىن كېلىشىپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن كىرىپ كۆمۈر توشۇيدۇ، ھازىر تىرانسپورت ناھايىتى راۋان، كۈنىگە 30 مىڭ توننىدىن ئارتۇق كۆمۈر سېتىلىۋاتىدۇ» دېدى جۇڭگو بىرلەشمە رۇنشى شىنجاڭ كۆمۈرچىلىك چەكلىك شىركىتى سېتىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى سۇڭ جىيۈەن.

  8 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن 16 ـ كۈنىگىچە لۇئەن خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنجاڭ گوتەي شىنخۇا كانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى 10 مىڭ توننىدىن ئارتۇق BDO ( 4،1ـ بۇتىلدىئول)، 10 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ساپ مېتانول، 19 مىڭ توننىدىن ئارتۇق كاربىد ئىشلەپچىقاردى. بۇ شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گۇ لىشىن مۇنداق بىلدۈردى: «بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىچكى جەھەتتە توشۇش، سىرتقا سېتىپ چىقىرىشنىڭ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدۇق».

  كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى كارخانىلارنى «ئۆي خىزمەتچىسى شەكلى»دىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

  8 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن 16 ـ كۈنىگىچە، شىنجاڭ يىخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان(PVC) 16 مىڭ توننىدىن ئارتۇق، ياپىلاق ئىشقار 10 مىڭ توننىدىن ئارتۇق، ئورىيا 25 مىڭ توننا، مېلامىن 3400 توننىدىن ئارتۇق بولدى. «نۆۋەتتە تۈرلۈك خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش نورمال بولۇۋاتىدۇ» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى شيۇڭ جۈن.

  غۇلجا ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ چىڭخۇا ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە 2000دىن ئارتۇق ئىشچى ـ خىزمەتچى كارخانىدا تۇرۇپ ئىشلەۋاتىدۇ، ئۈسكۈنىلەر تولۇق يۈرۈشۈۋاتقان بولۇپ، ھەر كۈنى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورىغا 4 مىليون 200 مىڭ كۇب مېتىر كۆمۈردىن ئېلىنغان تەبىئىي گاز يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. «بىز ھەر كۈنى زاۋۇتقا 15 مىڭ توننا كۆمۈر توشۇپ، نۇقتىدىن نۇقتىغا توشۇش، ئۇچراشماي كۆمۈر چۈشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يىن ۋېنيۆ.

  ۋۇجياچۈ شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش يولغا قويۇلغان بولۇپ، 1600دىن ئارتۇق ئىشچى ـ خىزمەتچى كارخانىدا تۇرۇپ ئىشلەۋاتاتتى، زاۋۇت رايونىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ تۇراتتى. «بىز رەھبەرلىك بەنزىسى پۈتۈن كۈن نۆۋەتلىشىپ باشلامچىلىق بىلەن دىجورنىلىك قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمى ئورناتتۇق، مەخسۇس بەن تەشكىللەپ، سېخ، گۇرۇپپىلارغا چۆكۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدۇق.» شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ما جىنرۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر ھەر كۈنى مېتانول، LNG قاتارلىق مەھسۇلاتلار تولۇق ئىشلەپچىقىرىلىپ، ھەممىسى سېتىلىۋاتىدۇ.

  نېفىت ـ تەبىئىي گاز، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش كاپالەتكە ئىگە

  مۇخبىرنىڭ 8 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، نېفىتلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ماسلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، كورلا، غەربىي جەنۇبىي تارىم قاتارلىق ئالتە تەۋەلىك رايون خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، نۇقتىلىق نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خادىملار ھەم ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا دەخلى يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىۋېتىپتۇ.

  ھازىر، تارىم نېفىتلىكىنىڭ نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشى تەكشى، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇپ، نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىلىش سەۋىيەسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 20 مىڭ توننا، 82 مىليون كۇب مېتىرلىق پىلاندىكى چەكتىن يۇقىرى ئايلىنىشنى ساقلىماقتا.

  كۇچا شەھىرىگە جايلاشقان جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق تەييار ماي بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى. 8 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى سائەت 8دىن باشلاپ، كۇچا شەھىرى ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويدى، تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش دەسلەپكى لايىھەسىنى دەرھال قوزغىتىپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىغا كېلىش، ئىشلەپچىقىرىشنى يۈرۈشتۈرۈش، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى تارقىتىش، توشۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇردى. ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، شىركەتنىڭ ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىلىرىدا تولۇق ئىشلەپچىقىرىش ھالىتى ساقلاندى، بېنزىن، دىزېل تەمىناتى يېتەرلىك بولدى.

  دۆلەت ئېلېكتىر سېلىنما گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ يېڭى ئېنېرگىيە توك تارقىتىش كارخانىسى بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدا 116 يېڭى ئېنېرگىيە توك تارقىتىش مەيدانى، پونكىتى بار، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 40 مىليون كىلوۋات سائەت پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنىڭ تەرتىپلىك بولۇشى، ئېنېرگىيە تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ كارخانا ئالدىن تاقابىل تۇرۇپ، كەسكىن ھەرىكەتكە كەلدى. بۇ شىركەتنىڭ لاۋجۈنمياۋ شامال ئېلېكتىر توپلاش پونكىتىنىڭ باشلىقى چېن دوپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىركەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە قارىتا قاراتمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، ھازىر 40 نەچچە ئىشچىنىڭ ھەممىسى پونكىتتا تۇرۇپ، مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ.

  ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يېڭى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى توختاپ قالمىدى

  8 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، فېڭخۇاڭ ـ ياجۇڭ ـ داۋانچىڭ قوش قايتما يوللۇق 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، خىزمەتچى خادىملار ئۆتكۈزگۈچ سىمنى چىڭىتىۋاتاتتى. بۇ تۈر ئاپتونوم رايوننىڭ 2022 ـ يىلىدىكى نۇقتىلىق تۈرى بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ جەنۇب بىلەن شىمال ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، شەرق بىلەن غەرب ئۆزئارا تەمىنلەيدىغان مۇھىم تۈگۈنى بولۇپ قالىدۇ.

  8 ـ ئاي شىنجاڭنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى، نۆۋەتتە قۇرۇلۇۋاتقان 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تۈرىدىن جەمئىي ئالتىسى بار. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش شۆبە شىركىتى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ئەھۋالدا، قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى دائىرىسىنى جانلىق تاللىدى.

  ھازىر، خۇانېڭ شىنجاڭ ئېنېرگىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى 2 ـ قارارلىق 100 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى تۈرى ۋە ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى 2 ـ قارارلىق 100 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى تۈرىدە جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنماقتا. ئىككى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ شىركەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى قوزغاتتى. «شىركەت قارىمىقىدىكى 25 ئىشلەپچىقىرىش مەيدانى، پونكىتى، ئالتە تۈر نەق مەيدانى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان، بىز مەيداندا تۇرۇش ئەندىزىسىنى بىرىنچى ۋاقىتتا قوزغىتىپ، كۆپ قېتىم، تولۇق قاپلانغان خېسۇەن تەكشۈرۈش ۋە مەيدان ئىچىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق» دېدى شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىجرائىيە مۇدىرى ليۇ جيەن.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى گەنچۇەنپۇ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(سانائەت رايونى) باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە يىلىغا 200 مىڭ توننا يۇقىرى ساپلىقتىكى كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىش تۈرى ۋە يىلىغا 50 مىڭ توننا يۇقىرى ئىقتىدارلىق كاربون تالاسى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋېتىپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي تۈرى ئىش ئورنىدا 7500دىن ئارتۇق ئىشچى بار. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئىش ئورنىدا ۋاقىتلىق خېسۇەن تەكشۈرۈش نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە باغچە رايونى قۇرۇلۇش ماددىي ئەشيالىرى، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ مەيدانغا كىرىشىنى پائال ماسلاشتۇرغان.

  ئاراتۆرۈك ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ گۇاڭخۇي كاربون پەن ـ تېخنىكىسىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 100 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى يىغىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى نۆۋەتتە ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش باسقۇچىغا كىردى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ چېڭ مۇنداق بىلدۈردى: تۇنجى قارارلىق تۈرنىڭ 9 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

  يېقىندا، قومۇل جۈرۇڭ ئېنېرگىيە يېقىلغۇ گاز چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 ـ لىنىيەسىدىكى يىلىغا 500 مىڭ توننا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش يانداش زاۋۇتى ھەم يانداش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىمۇ ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەپ سىناش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، بۇ تۈرنىڭ 9 ـ ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. «تۈر قۇرۇلۇشى داۋامىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، قۇرۇلۇش ئورنىدىكى 500دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھەممىسىگە يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى» دېدى شىركەتنىڭ تېخنولوگىيە ئىنژېنېرى چېن لىياڭ.

  يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىنىدىغان مۇھىم تۈرلەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇردى، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش تۈرلىرىگە يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ، تۈر ئېنېرگىيە ئامىللىرىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە تەكشۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان توسۇق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتىلارنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە ئېنېرگىيە تېجەشنى باھالاش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشنى تېزلەتتى.

  «بىز بىر تۈركۈم نېفىت ـ تەبىئىي گاز مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش تۈرىدە ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە تەكشۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، تارىم نېفىتلىكى شىركىتىنىڭ فۇمەن نېفىتلىكىدىكى ئوردوۋىك دەۋرىدىكى كاربونات جىنسلىق نېفىت زاپىسىنى ئېچىش يەر يۈزى رامكا قۇرۇلۇشى قاتارلىق توققۇز نۇقتىلىق نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلاشقا مەدەت بەردۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت قوغداش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شۈ جۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپى بويىچە، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تىرەكلىك رولىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.

  (مۇخبىر يۈ جياڭيەن، قاتناشقان مۇخبىرلار ما يىنىڭ، چېن چياڭۋېي، ۋېي يۇڭگۇي، شى شىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ چيەنشى، تيەن يۈ)

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش