دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

مەملىكەت بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-08-19 11:45:21

مەملىكەت بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

چېن گاڭ، ما شىڭرۇي سۆز قىلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەت بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 8 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سىنلىق شەكىلدە ئېچىلدى، يىغىندا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس، شۇجىچۇنىڭ 1 ـ شۇجىسى چېن گاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  چېن گاڭ مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ۋاكالىتەن شىنجاڭدىكى كەڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى كادىرلىرى ۋە ھەر مىللەت ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، خالىس ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى كادىرلىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى مۇقەررەر تەلەپ. مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ھازىر، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى، تۈرلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا ۋە خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ مايىللاشتۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىختىساسلىقلار، ئەقلىي كۈچ تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش داۋامىدا ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى ئىدىيەۋى ـ سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، راۋاجلاندۇرۇش، گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە كۈچەپ مەدەت بېرىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن ۋە ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەشكىللەش، يولغا قويۇشنى ياخشى تۇتۇپ، پۇختا ئىستىل ۋە ئەمەلىي پوزىتسىيە بىلەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە پائال تۆھپە قوشتى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك. سىياسىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، كەڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇش كېرەك؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئىشچى ـ خىزمەتچى، ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك؛ مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىناق، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ياخشى ۋەزىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك؛ ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. ھازىر، شىنجاڭدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە قاتنىشىشقا، پىدائىيلار پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  تيەنجىن شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، جياڭشى ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، خۇنەن ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، بىڭتۇەن باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ما لۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىرىدىن ياڭ يۈدۇڭ، جاڭ ماۋخۇا، زوۋ جېن، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن ئېلزات ئەخمەتجان، جاڭ ۋېنشېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش