ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
سۈرەتتە: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خۇڭگۇاڭشەن ئەتراپىغا تىزىلغان 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى باش تېمىلىق گۈل تەكچىسى (8 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تارتىلغان). 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئاساسلىق يول ئېغىزلىرىغا تىزىلغان باش تېمىلىق گۈل تەكچىلىرى گۈزەل بىر مەنزىرە لىنىيەسىگە ئايلاندى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئىلگىرىكى نۆۋەتتىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە تۇنجى قېتىم ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە سالاھىيىتى بىلەن كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ.
ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە مېخانىزمى نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدىكى كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشتە قوللىنىلىۋاتقان بىر خىل يېڭىچە تەشكىللەش شەكلى. ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە «ھەم مېھمان، ھەم ساھىبخانا» بولۇشتەك ئالاھىدە سالاھىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئاساسلىقى شۇ ئۆلكىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىقلارغا قارىتا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ يىل 3 ـ ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسىگە بېرىپ سودىگەر چاقىرغاندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسىنى 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئاساسلىق مېھمان ئۆلكىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.
«بۇ بىرقانچە يىلدا، گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى ئۆلكە قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1 ـ شى، 3 ـ شى قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ھەمدە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى، مۇشۇ تەرەپلەرنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، بىز گۇاڭدۇڭ بىلەن جېجياڭنى 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئاساسلىق مېھمان ئۆلكىسى قىلدۇق» دەپ تونۇشتۇردى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى سودىگەر چاقىرىش، كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا چاقىرىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جۇ دىچياڭ.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كۆرگەزمە رايونىدا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا كۆلىمى 396 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئالاھىدە بېزەلگەن كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدۇ. جېجياڭ ئۆلكىسى يەنە توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى 40 نەچچە كارخانىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى.
كۆرگەزمە مەزگىلىدە، ئىككى ئۆلكە يەنە كۆپ مەيدان مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. «كېلىشىم ئىمزالىنىدىغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسى ئىككى ئۆلكىدىكى ئەلالىرىنىڭ ئىچىدىن ئەلالىرى تاللانغان تۈرلەر بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ» دەپ تونۇشتۇردى جۇ دىچياڭ.
ھازىرغا قەدەر، تەشكىلىي كومىتېت 4000دىن ئارتۇق كۆرگەزمە ئورنىغا سودىگەر چاقىرىش، كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا چاقىرىش خىزمىتىنى تاماملىدى، ئالاھىدە بېزەلگەن كۆرگەزمە ئورۇنلىرىنىڭ كۆلىمى ئومۇمىي كۆلەمنىڭ %63ىنى ئىگىلىدى. بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە چېگرا ئىچىدىن 1600دىن ئارتۇق كارخانا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى، دۇنيادىكى ھەم جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە دۆلەت ھالقىغان كارخانىدىن نەچچە ئونى كۆرگەزمىگە، يىغىنغا قاتنىشىدۇ، كەسىپ باشلامچى كارخانىسىدىن 110ى كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ. ئالدىنقى نۆۋەتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ھەرقايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىش كۆلىمى، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كۆرگەزمە رايونىنىڭ كۆلىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش