دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ھەر ۋاقىت كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش تولۇق قاپلىدى، «بۇلۇت» تېرمىنالى كۈچەپ، باشقۇرۇش ـ قوغداشقا ياردەم قىلدى مەملىكەت بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش 796 ئىلتىماس ـ تەلەپ تاپشۇرۇۋېلىندى، بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش توختاپ قالمىدى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشتى شىنجاڭلىق ئوغلانلار گۇاڭشىدا ئوت ئىچىدىن ئادەم قۇتقۇزدى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە تەسىس قىلىندى ۋىلايەت «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىش، ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى بويىچە مەركەزلىك سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ۋىلايىتىمىزدىكى تۆت كەنت 3 ـ تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ـ كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت، بازار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭلىق ئوغلانلار گۇاڭشىدا ئوت ئىچىدىن ئادەم قۇتقۇزدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-08-09 10:55:55

قۇتقۇزۇۋېلىنغۇچى مۇنداق دېدى: «مەن شىنجاڭلىقلارنىڭ باتۇر، ئاق كۆڭۈللۈكىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم»

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ يىمىڭ، گو چيەن

ئوت كەتكەن پىكاپقا ھەربىر قەدەم يېقىنلاشقاندا، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ ھارارىتى ۋە بېسىم تۇيغۇسى بىر ئۈلۈش كۈچىيەتتى. 8 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، يىراقتىكى گۇاڭشىدا تۇرۇۋاتقان ئەنۋەر ئۆمەر تېلېفوندا مۇخبىرغا نەچچە كۈن ئىلگىرى ئادەم قۇتقۇزغان كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىسسىق دولقۇندا ئادەمنىڭ تېرىسى كۆيۈپ قورۇلۇپ قالاتتى، لېكىن بىز ئۆزىمىزنى قاچۇرساق بولمايتتى، ئادەمنى قۇتقۇزۇشىمىز كېرەك».

8 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بىر پىكاپ G75 لەنجوۋ ـ خەيكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى خېچى شەھىرى دۇئەن ياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى دىسۇ بازىرى يول بۆلىكىدە ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئارقىدىن ئوت ئېلىپ پارتلاپ كۆيۈشكە باشلىدى. بۇ يول بۆلىكىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئەنۋەر ئۆمەر، شۈ جاۋلياڭ، مەمەتروزى ئەخەت، مەمەتجان ئۆمەرجان قاتارلىق تۆت كىشى دەرھال قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشكە ئاتلاندى. بۇ ئىككى كۈندە، ھادىسىدىكى يارىلانغۇچىلارغا داۋالىنىش خىراجىتى توپلىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئەنۋەر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يەنە ھەققانىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇلارغا 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى ھەم گۇاڭشى تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 ـ دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى.

«سىلەرنىڭ شۇنچە خەتەرلىك ئەھۋالدا ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇپ، ئېرىمگە ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىق بېغىشلىغىنىڭلارغا ھەقىقەتەن كۆپ رەھمەت» دېدى 8 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى يارىلانغۇچى دەي دوشەننىڭ خوتۇنى ليۇ فېن ئەنۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا.

بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن ئەنۋەرنىڭ ئائىلىسى خوتەن ۋىلايىتىدە بولۇپ، شۇ جايدا شوپۇرلۇق مەكتىپى ئاچاتتى. بۇ يىل 5 ـ ئايدا، ئۇ شىنجاڭنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك ماركىسى بولغان «خوتەن كاۋىپى»نى ئېلىپ گۇاڭشىنىڭ ليۇجوۋغا بېرىپ تەرەققىي قىلماقچى بولدى. «ھادىسە يۈزبەرگەن كۈنى، مەن ئىككى دوستۇم، بىر دۇكان خىزمەتچىسى بىلەن بىللە دۇئەنگە بېرىپ، ئۇ تەرەپنىڭ قوي گۆشى بازىرىدا تەكشۈرۈشتە بولماقچى ئىدۇق، يولدا بۇ ئىشقا يولۇقتۇق» دېدى ئەنۋەر.

شۇ كۈنى، ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋاتقان ئەنۋەر يول بويىدىن كۆتۈرۈلگەن ئاق رەڭلىك قويۇق ئىس ـ تۈتەكنى يىراقتىنلا كۆردى، يېقىنلاشقاندىن كېيىن قويۇق ئىس ـ تۈتەك ئاستىدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن بىر پىكاپقا ئوت كەتكەنلىكىنى بايقىدى. ئەنۋەر دەرھال ئاپتوموبىلنى جىددىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش يولىدا توختىتىپ، ئوت ئۆچۈرگۈچنى ئېلىپ ئۈچ ھەمراھى بىلەن بىللە ھادىسە يۈزبەرگەن نەق مەيدانغا قاراپ يۈگۈردى ھەم دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلدى.

«يېنىغا كەلگەندىن كېيىن ھادىسىگە ئۇچرىغان ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى تەرەپ يۆنىلىشىدە بىر ئادەمنىڭ يەردە مىدىرلىماي دۈم ياتقانلىقىنى كۆردۈم، مەن دەرھال ئۇنى يۈدۈپ سالقىن جايغا ئېلىپ باردىم» دېدى ئەنۋەر.

خېچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول باشقۇرۇش 2 ـ چوڭ ئەترىتى ھادىسە بىر تەرەپ قىلىش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى مو يۇڭشۆ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتوموبىل ئالدىدا ھوشىدىن كەتكەن ئادەم ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرغان دەي كېچياڭ ئىدى. ھادىسە يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ھادىسە يۈزبەرگەن ئاپتوموبىلدىن ئۆمىلەپ چىققان.

ھوشىدىن كەتكەن يارىدارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەنۋەر يەنە بىر قېتىم نەق مەيدانغا قايتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ھەمراھى شۈ جاۋلياڭ بىر تەرەپتىن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللاردىن ياردەم سورىدى، بىر تەرەپتىن قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇپ، قايتا قاتناش ھادىسىسى يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئالدى، ئەنۋەر ئوت ئۆچۈرگۈچنى ئېلىپ ئوت ئۆچۈرۈشكە تەمشەلدى، قالغان ئىككى ھەمراھىمۇ ئوت كەتكەن ئاپتوموبىلغا يېقىنلىشىپ ئەھۋالنى تەكشۈردى.

«بۇ يەردە يەنە ئادەم بار ئىكەن!» قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش نەق مەيدانىدا، مەمەتروزى بىر تەرەپتىن ۋارقىراپ، بىر تەرەپتىن ئۆرۈلۈپ كەتكەن پىكاپقا يامىشىپ چىقىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنى تارتىپ چىقارماقچى بولدى. بۇ چاغدا، كۆيۈۋاتقان پىكاپ تۇيۇقسىز پارتلاپ، پىكاپقا يامىشىپ چىققان مەمەتروزى سىلكىنىپ چۈشۈپ كەتتى.

«مەن ئوتنىڭ تۇيۇقسىز ناھايىتى ئۇلغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، ئارقىدىنلا قاتتىق ئاۋاز ئاڭلاندى، بىر ئاكىمىز ماشىنىدىن يىقىلىپ چۈشتى. ئويلىمىغان يەردىن، نەچچەيلەن ناھايىتى تېزلا يەنە پىكاپقا يامىشىپ چىقىپ، پىكاپتا قاپسىلىپ قالغان دوستۇمنى قۇتقۇزغىلى باردى. شۇ چاغدا مەن بەك تەسىرلەندىم، بۇ بىرنەچچە ئاكامغا يولۇققانلىقىمدىن ئىنتايىن تەلەيلىك ھېس قىلدىم» دېدى دەي كېچياڭ ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن كۆرگەن ئەھۋالنى ئەسلەپ.

«سىلكىنىپ چۈشۈپ كەتكەندە مەن بەك قورقۇپ كەتتىم، پىكاپتا تېخىمۇ ئېغىر پارتلاش يۈزبېرىدىغان ـ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم.» مەمەتروزى مۇنداق دېدى: «پىكاپتىكى كىشىنىڭ <قۇتقۇزۇڭلار> دەپ ۋارقىرىغانلىقىنى ئاڭلاپ، مەن تىركىشىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ يەنە پىكاپقا ياماشتىم، كۆڭلۈمدە پەقەت بىرلا خىيال بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ ئادەم قۇتقۇزۇش!»

ئۇلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، قاپسىلىپ قالغان يەنە بىر كىشى دەي دوشەن قۇتقۇزۇپ چىقىلدى.

«شۇ چاغدا ئۇنىڭ پۇتىنىڭ ھەممە يېرىگە ئوت تۇتاشقان بولۇپ، بىز دەرەخ شېخى بىلەن قېقىپ يۈرۈپ ئوتنى ئۆچۈردۇق.» ئەنۋەر مۇنداق دېدى: ۋەقەدىن كېيىن ئۆزۈم ۋە ھەمراھلىرىمنىڭ بىلىكىدە دەرەخ شېخىنىڭ جىجىۋەتكەن يارىسى ۋە شىددەتلىك ئوتنىڭ كۆيدۈرگەن يارىلىرىنى بايقىدىم.

ئىككىنچى يارىدارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەنۋەر ئوت ئۆچۈرگۈچنى يەنە كۆتۈرۈپ نەق مەيدانغا قايتىپ كەلدى، بۇ چاغدا پىكاپ يەنە بىر قېتىم پارتلىدى، ئوت ناھايىتى تېز سۈرئەتتە پۈتۈن پىكاپقا يامراپ، ئادەم يېقىنلىشىشقا ئامالسىز قالدى.

«ئوت ئۇلغىيىپ كەتتى، بىزنىڭ ئوت ئۆچۈرگۈچىمىز ئوتنى پەسەيتەلمىدى، مەن قاراپ تۇرۇپ شوپۇرنى قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالدىم.» تېلېفوننىڭ قارشى تەرىپىدە، ئەنۋەرنىڭ تەلەپپۇزى ئېغىرلىشىپ كەتتى، «بىز يەنىمۇ تېزرەك بولغان بولساق، بەلكىم ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىقالىشىمىز مۇمكىن ئىدى».

ئەمەلىيەتتە ئەنۋەر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئاپتوموبىلنى توختىتىپ قاپسىلىپ قالغان بىر كىشىنى قۇتقۇزۇپ چىققۇچە تۆت ـ بەش مىنۇتلا ۋاقىت كەتكەنىدى. قاتناش ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ھادىسە يۈزبەرگەن نەق مەيدانغا ناھايىتى تېزلا يېتىپ كەلدى، كۆيۈۋاتقان ئوت ناھايىتى تېزلا ئۆچۈرۈۋېلىندى.

بەختكە قارشى، ھادىسە يۈزبەرگەن ئاپتوموبىلدىكى باشقا ئىككى كىشى بەختسىزلىككە ئۇچرىدى.

«قۇتقۇزۇشتىن بۇرۇن ئۇلار ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى ئۇچۇرىنى ئەستايىدىل خاتىرىلەپ، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئەھۋالنى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشىگە قولايلىق ياراتتى، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش جەريانىدا، ئۇلار قاتناشنى ئىزچىل راۋانلاشتۇرۇپ، قايتا ھادىسە يۈزبېرىشتىن ساقلاندى. ئۇلار باتۇر بولۇپلا قالماي، يەنە بەك ئەستايىدىل ئىكەن.» مو يۇڭشۆ مۇنداق دېدى: ئالاقىدار تارماقلار يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەنۋەر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ھادىسىنىڭ قالدۇق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە ماسلىشىپ، نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن تېببىي خادىملارنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغان يارىدارلارنى جىددىي قۇتقۇزۇشى ـ داۋالىشىغا ياردەملەشتى.

«ئاكىمىز بىزگە ياردەملىشىپ سۇيۇقلۇق بوتۇلكىسىنى كۆتۈرۈپ تۇردى، كۈنلۈك تېپىپ كېلىپ بىزگە تۇتۇپ بەردى، ئەمما ئۆزى ئاپتاپتا قالدى.» دەي كېچياڭ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ھەمىشە شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىن، مېھماندوست ئىكەنلىكىنى ئاڭلايتتىم، بۇ قېتىم شىنجاڭلىقلارنىڭ باتۇر، ئاق كۆڭۈللۈكىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم».

ئەنۋەر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئادەم قۇتقۇزغانلىق ھېكايىسى تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولدى، لېكىن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئەنسىرەتمەسلىك ئۈچۈن، ئۇ بۇ ئىشنى ئۇلارغا ئېيتمىدى.

«مەن ۋە ئاتا ـ ئانام بۇ ئىشنى يەنىلا دوستلار چەمبىرىكىدىن بىلدۇق، گەرچە ئېغىزىمدا كايىپ قويغان بولساممۇ، لېكىن كۆڭلۈمدە ئۇنىڭدىن پەخىرلەندىم» دېدى ئەنۋەرنىڭ يىراق خوتەن شەھىرىدىكى خوتۇنى شەمشىنۇر ئابدۇللا.

ئادەتتە، ئەنۋەر باشقىلاردىن ياردىمىنى ئايىمايتتى. ھەر يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئۇ شوپۇرلۇق مەكتىپى ئاپتوموبىل ئەترىتىنى تەشكىللەپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توشۇپ، مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇراتتى، يەنە دائىم خىزمەتچىلەرنى لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ھەرىكىتى قولايسىز ياشانغانلارنى ئاپىرىپ ـ ئەكېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيتتى.

«كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قېرىنداش، بىر ئائىلە كىشىلىرى. ئادەم قۇتقۇزۇش بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز» دېدى ئەنۋەر.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش