دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-08-09 10:57:44

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شى شىن، گاۋ فېڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت ئىقتىسادى مۇقىم ئېشىشنى ساقلىدى، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 4.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

ئۈچ چوڭ تۈردىن قارىغاندا، كان ئېچىش كەسپى %11.8 ئاشتى؛ ياسىمىچىلىق كەسپى %4.5 ئاشتى؛ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپى %8.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1 ـ پەسىلدىكىدىن 1.7 پىرسەنت پوئېنت ئۆستى.

كەسىپلەردىن قارىغاندا، سانائەتتىكى 40 كەسىپ چوڭ تۈرى ئىچىدە، 23 كەسىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشتى. 11 ئاساسلىق كەسىپ ئىچىدە كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى، نېفىت، مېتاللوئىد، رەڭلىك مېتال، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىن ئىبارەت ئالتە نۇقتىلىق كەسىپنىڭ تەرەققىياتى ياخشى بولدى، قوشۇلما قىممىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %33.2، %11.1، %6.7، %10.3، %8.6، %6.5 ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ 7.0 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئىقتىساد تۈرىدىن قارىغاندا، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ %8.8 ئاشتى، پاي تۈزۈمىدىكى كارخانىلارنىڭ %7.0 ئاشتى، خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ %14.0 ئاشتى.

مەھسۇلاتلاردىن قارىغاندا، ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى بىرقەدەر تېز ئاشقان بولۇپ، ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى %28.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 17.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى %8.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 4.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ توك چىقىرىش مىقدارى %0.5 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، سۇ، شامال، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك چىقىرىش مىقدارى %10.6 ئاشتى؛ شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بويىچە يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 57 مىليارد 269 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، %3.4 ئاشتى.

كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمى سىجىل ياخشىلاندى. 1 ـ ئايدىن 5 ـ ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 124 مىليارد 917 مىليون يۈەن بولۇپ، %77.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 76.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. بىرلىك تەننەرخ خىراجىتى 79.94 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.55 يۈەن ئازايدى. بۇنىڭ ئىچىدە: ھەر 100 يۈەنلىك تىجارەت كىرىمىدىكى تەننەرخ 73.33 يۈەن بولۇپ، 2.40 يۈەن ئازايدى؛ ھەر 100 يۈەنلىك تىجارەت كىرىمىدىكى خىراجەت 6.61 يۈەن بولۇپ، 2.15 يۈەن ئازايدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ باش ئىقتىسادچىسى نيې شۇمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك مۇقىم ئاشۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش، مۇھىم، زور سانائەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش، باغچە رايونلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، كارخانىلارنىڭ مۇلازىمەت خىزمىتى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش جەھەتلەردە كۈچەپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش