دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەت «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىش، ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى بويىچە مەركەزلىك سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-08-09 10:39:56

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى. يېقىندا، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن 20 ئادەمنى تەشكىللەپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەرگە بېرىپ «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال كۈتۈۋېلىش، ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى بويىچە بىر ھەپتىلىك مەركەزلىك سەييارە لېكسىيە سۆزلەشكە ئەۋەتتى.

7 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىش، ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى بويىچە مەركەزلىك سەييارە لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى شايار ناھىيەسىگە باردى، شايار ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى شۈ لىيوۋ «ئاممىۋى مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېمىسىدا ئاددىي، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئالدىغا قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدىكى ئاكتىپ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ پىكرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.» دەپ كۆرسەتتى. بىز خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىسى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئاممىنىڭ قەلب ساداسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، مەۋقەنى ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قويۇپ، پائال چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

شايار ناھىيەسى شايار بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسى ئېلى ياسىن مۇنداق دېدى: لېكسىيەنى ئاڭلاپ، ناھايىتى ئىلھاملاندىم، مەن ئۆگىنىۋالغان لېكسىيە سۆزلەش ماھارىتىنى ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى كونكرېت ئەمەلىيەت جەريانىدا قوللىنىپ، لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىمەن.

7 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى باي ناھىيەسىگە باردى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، شۇنداقلا 2 ـ، 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ، ئاددىي، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا، بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە بولۇپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتەك ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى بايان قىلىپ، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتتى.

شۇ كۈنى، توقسۇ ناھىيەسىدىكى مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بېلىقىز قاسىم، توقسۇ ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن يەن يۇڭبىن، ئادىل ئەركىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى توغرىسىدا ئەستايىدىل لېكسىيە سۆزلەپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، ئىرادىدىن قايتماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىش، ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىگەن ھەم لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىدىن پايدىلىنىپ ۋە تۇرمۇشىدا يۈزبەرگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە باغلاپ سۆزلەپ، «ھېكايە شەكلى»، «ھەمتۈرتكە شەكلى»، «ئەدەبىي شەكىل» قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، چىن ھېسسىياتى، مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن لېكسىيە سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاممىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاش، ئاڭلاشنى خالاش، ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، يېزا ـ بازار (كوچا باشقارمىسى)لارمۇ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ سەييارە لېكسىيە سۆزلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ ئاممىغا چوڭقۇر سىڭىش، قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭىشىگە تۈرتكە بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش