دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ھەر ۋاقىت كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش تولۇق قاپلىدى، «بۇلۇت» تېرمىنالى كۈچەپ، باشقۇرۇش ـ قوغداشقا ياردەم قىلدى مەملىكەت بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش 796 ئىلتىماس ـ تەلەپ تاپشۇرۇۋېلىندى، بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش توختاپ قالمىدى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشتى شىنجاڭلىق ئوغلانلار گۇاڭشىدا ئوت ئىچىدىن ئادەم قۇتقۇزدى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە تەسىس قىلىندى ۋىلايەت «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىش، ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى بويىچە مەركەزلىك سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ۋىلايىتىمىزدىكى تۆت كەنت 3 ـ تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ـ كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت، بازار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىزدىكى تۆت كەنت 3 ـ تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ـ كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت، بازار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-08-09 10:40:59

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى. 8 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «3 ـ تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ـ كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت، بازار تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تىن ئىگىلىشىچە، ۋىلايىتىمىزدىكى تۆت كەنت بۇ تىزىملىككە كىرگەن.

بۇ قېتىم تاللانغان بۇ تۆت كەنت ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا: ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى ئاقبۇلاق كەنتى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۈرچى يېزىسى ئارائايماق كەنتى، شايار ناھىيەسىنىڭ تارىم دەرياسى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۆچكىئۆلدى كەنتى، كۇچا شەھىرىنىڭ ئاغى يېزىسى بېيشەن كەنتىدىن ئىبارەت.

ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى ئاقبۇلاق كەنتى تىيانشان تومۇر چوققىسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا جايلاشقان، ئاز ئۇچرايدىغان نۇرغۇن قىممەتلىك ياۋايى ھايۋانات ماكانلاشقان جاي، ھەر خىل، مول تاغ ئۆسۈملۈكلىرى مۇشۇ يەردە ئۆسۈپ، كۆپەيگەن بولۇپ، «تەبىئىي ئوكسىگېنخانا»، «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قاناس»، «تومۇر چوققىسى ئويمانلىقىدىكى شياڭگېلىلا» دېگەن گۈزەل نامى بار؛ كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۈرچى يېزىسى ئارائايماق كەنتىنىڭ ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، يىپەك يولى خارابىسى، جىلغا گېئولوگىيەسى، تاغ ـ دەريا، قۇملۇق، توغراقلىق، سەھرا بوستانلىقى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن، سېرىق ئۆرۈك ئۆستۈرۈش كۆلىمى خېلى چوڭ بولۇپ، ھەر يىلى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى، سېرىق ئۆرۈك ئۈزۈش بايرىمى قاتارلىق بايراملىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ شايار ناھىيەسىنىڭ تارىم دەرياسى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۆچكىئۆلدى كەنتىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى بولۇپ، كەڭ كۆلەمدىكى توغراقلىق بىلەن قاپلانغان، يىپەك يولى مەدەنىيىتى، تارىم دەرياسى مەدەنىيىتى، قۇملۇق مەدەنىيىتى، توغراق مەدەنىيىتى مۇشۇ يەردە گىرەلىشىپ جۇلالانغان؛ كۇچا شەھىرىنىڭ ئاغى يېزىسى بېيشەن كەنتى كۇچا شەھەر رايونىنىڭ شىمالىغا 100 كىلومېتىر كېلىدىغان جايىغا جايلاشقان بولۇپ، دۆلەت يولى 217 ـ لىنىيەسى بۇ يەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ، تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسىغا 20 كىلومېتىر، چوڭ ـ كىچىك كۆلگە 30 كىلومېتىر كېلىدۇ، ھازىر ئۆزگىچە يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئائىلىۋى مېھمانخانىسى، شۇ جاينى تەتقىق قىلىش ـ ئۆگىنىش ئاھالىلەر تۇرالغۇسى، چوڭ تىپتىكى ئۆزگىچە دېھقانلار ئارامگاھى، ئالىي ئۆي ئاپتوموبىلى لاگېرى، يەڭگىل، ئېسىل دالا قونالغۇسى لاگېرى، چوڭ تىپتىكى بەيگە مەيدانى، ئىستىراھەت ئۆرۈكزارلىقى قاتارلىق يېزا ـ كەنت ئۆزگىچە ساياھەت تۈرلىرى تەتقىق قىلىپ ئېچىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش