دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭ بانكا كەسپى كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سالمىقىنى سىجىل زورايتتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-08-08 19:21:21

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ شىنجاڭ بانكا - سۇغۇرتا ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، تەۋەلىكىدىكى بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يولغا قويغان قەرز پۇلنىڭ دىرىنى قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش سوممىسى 14 مىليارد 959 مىليون يۈەن بولۇپ، 6558 بازار سۇبيېكتىغا نەپ يەتكۈزگەن؛ يولغا قويغان ئۆسۈمىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش سوممىسى 214 مىليون يۈەن بولۇپ، 925 بازار سۇبيېكتىغا نەپ يەتكۈزگەن.

  2020 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، بانكا - سۇغۇرتا ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى خەلق بانكىسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قارىتا قەرز پۇل بېرىشتە ۋاقىتلىق قەرز پۇلنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇشنى يولغا قويۇش سىياسىتىنى ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، قەرەلىنى ئۇزارتىش، داۋاملىق قەرز بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ۋاقتىنچە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار(كىچىك، ئۇششاق كارخانا ئىگىلىرى، يەككە سودا - سانائەتچىلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا قەرز پۇل بېرىشتە قەرز پۇل دىرى ۋە ئۆسۈمىنى ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  شىنجاڭ بانكا - سۇغۇرتا ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى قەرز پۇلنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش سىياسىتىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە سىجىل تۈرتكە بولدى. يېقىندا، شىنجاڭ بانكا - سۇغۇرتا ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، خىزمەت تەلىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نەق مەيداندا نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش ئېھتىياجىنى ئالدىن رەتكە تۇرغۇزۇپ، تور ۋە تور سىرتى قاتارلىق كۆپ خىل يوللارنى ئېچىپ، كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، كارخانىلارنىڭ ئىلتىماسىنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ، سۈرۈك ئىچىدە جاۋاب قايتۇرۇپ بېجىرىپ، ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، قىيىنچىلىقتا قالغان كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى.

  شىنجاڭ تەۋەلىكىدىكى ھەرقايسى بانكىلار بەس - بەستە تەدبىر چىقىرىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزدى. گۈللىنىش بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى قەرز پۇلنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بۇ بانكا 37 كارخانا ئۈچۈن قەرز پۇلنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش بويىچە 146 مىليون يۈەننى بېجىرىپ بەردى.

  شىنجاڭ سىلىتسىيلىق ئوتقا چىداملىق ماتېرىيال چەكلىك شىركىتى دەل مۇشۇ سىياسەتتىن مەنپەئەتلەنگۈچى. 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى گۈللىنىش بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى بۇ شىركەت ئۈچۈن 6 مىليون يۈەن قەرز پۇلنىڭ دىرىنى قايتۇرماي داۋاملىق بىر يىللىق قەرز بېرىش ئىشىنى بېجىرىپ بەردى. «بۇ قەرز پۇل ئەڭ دەسلەپتە 2020 - يىلى 11 - ئايدا تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرىنىڭ قوزغىتىش مەبلىغى كەمچىل بولغاندا بېجىرىلگەن، گۈللىنىش بانكىسى ئىككى قېتىم شىركەت ئۈچۈن دىرىنى قايتۇرماي داۋاملىق قەرز بېرىش ئىشىنى بېجىرىپ بەرگەچكە، بىز ئەڭ قىيىن باسقۇچتىن ئۆتۈۋالدۇق، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا شىركەتنىڭ پايدا ئېلىشىدىن ئۈمىد بار» دېدى شىركەتنىڭ باش مۇدىرى گاۋ جيەنمىن.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش