دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ھەر ۋاقىت كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش تولۇق قاپلىدى، «بۇلۇت» تېرمىنالى كۈچەپ، باشقۇرۇش ـ قوغداشقا ياردەم قىلدى مەملىكەت بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش 796 ئىلتىماس ـ تەلەپ تاپشۇرۇۋېلىندى، بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش توختاپ قالمىدى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشتى شىنجاڭلىق ئوغلانلار گۇاڭشىدا ئوت ئىچىدىن ئادەم قۇتقۇزدى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە تەسىس قىلىندى ۋىلايەت «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىش، ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى بويىچە مەركەزلىك سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ۋىلايىتىمىزدىكى تۆت كەنت 3 ـ تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ـ كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت، بازار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئالدىنقى يېرىم يىلدا بىڭتۇەننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 ئاشتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-08-08 19:22:54

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇرنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئون جەھەتتىكى 47 تۈرلۈك ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىرقاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولغان، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇشنى ساقلىغان.

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا، بىڭتۇەن ئىشقا ئاشۇرغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 121 مىليارد 497 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 ئاشتى. كەسىپلەر بويىچە قارىغاندا، 1 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 7 مىليارد 542 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.4 ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %14.1 بولدى؛ 2 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 58 مىليارد 445 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.2 ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %33.9 بولدى؛ 3 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 55 مىليارد 510 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %52 بولدى.

  بىڭتۇەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 23 مىليارد 348 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئاشتى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بىڭتۇەن تەكشۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل بىڭتۇەننىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئېشىشى بىرقەدەر تېز بولۇپ، يازلىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 155 مىڭ 590 گېكتارغا يېتىپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 14 مىڭ 810 گېكتار كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.1 ئاشقان، يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئاساسىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولغان.

  بىڭتۇەن سانائەتتە مۇقىم، مۇۋاپىق ئېشىشنى ساقلىغان بولۇپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.6 ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %78.9كە يەتتى؛ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.1 ئاشتى؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن كارخانىلارنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۈچ ھەسسە ئاشتى.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، بىڭتۇەننىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى مۇلازىمەت كەسپى كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى 8 مىليارد 659 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.8 ئاشتى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى داۋاملىق ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. كۆلەمدىن يۇقىرى مۇلازىمەت كەسپى كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى 525 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.7 ئېشىپ، 1 - پەسىلدە تۆۋەنلەشتىن مۇسبەت ئېشىشقا ئۆزگەردى.

  بىڭتۇەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈردى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 49 مىڭ 700 كىشى بولدى. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى ئىچىدە، مائارىپ چىقىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.5 ئاشتى، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.3 ئاشتى، سەھىيە ساغلاملىق چىقىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.4 ئېشىپ، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش