دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ھەر ۋاقىت كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش تولۇق قاپلىدى، «بۇلۇت» تېرمىنالى كۈچەپ، باشقۇرۇش ـ قوغداشقا ياردەم قىلدى مەملىكەت بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش 796 ئىلتىماس ـ تەلەپ تاپشۇرۇۋېلىندى، بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش توختاپ قالمىدى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشتى شىنجاڭلىق ئوغلانلار گۇاڭشىدا ئوت ئىچىدىن ئادەم قۇتقۇزدى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە تەسىس قىلىندى ۋىلايەت «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىش، ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى بويىچە مەركەزلىك سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ۋىلايىتىمىزدىكى تۆت كەنت 3 ـ تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ـ كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت، بازار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

«شىنجاڭ ياخشى ھەمراھ» جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى − رۇسىيە ئالتاي چېگرا رايونى دوستلۇق - ھەمكارلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-08-08 19:27:57

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى − رۇسىيە ئالتاي چېگرا رايونى دوستلۇق - ھەمكارلىق سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچى بىلەن بارناۋۇلدا تەڭ قەدەمدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. رۇسىيە ئالتاي چېگرا رايونىنىڭ باش مەمۇرى، ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ۋىكتور تومىنكو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇشنى كۈرەش نىشانى قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. شىنجاڭ بىلەن رۇسىيە ئالتاي چېگرا رايونى جۇغراپىيە جەھەتتىن تۇتاش، جۇغراپىيە جەھەتتىن قوشنا، مەدەنىيلىكى ئۆزئارا تۇتاش، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتكەن، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقى چوڭقۇر، تەرەققىيات ئىستىقبالى كەڭ. بىز جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا ھاسىل قىلىنغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالتاي تېغى چەمبىرىكى رايون ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىقتىساد - سودا، ساياھەت، تېببىي دورا - يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياشلار ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق رايىنى تۇتاشتۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ئىككى رايوندىكى تېخىمۇ كۆپ ئاساسىي قاتلام، ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ دوستانە شەھەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپ خەلقىنىڭ تېخىمۇ يېقىنلىشىشىغا، ئىناق ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولىمىز.

  ۋىكتور تومىنكو مۇنداق بىلدۈردى: ئالتاي چېگرا رايونى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئۇزاق ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش تارىخى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئاللىبۇرۇن ئورتاق تونۇش ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندى. بۇ يىل 7 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈردى، بۇ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا دۆلەت قاتلىمىدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ، شىنجاڭغا نىسبەتەن ھەم پۇرسەت، ھەم مەسئۇلىيەت. بىز ئىككى تەرەپنىڭ ساياھەت، پەن - تېخنىكا، ئىقتىساد - سودا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ھەقىقىي ئۈمىد قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بارناۋۇل شەھىرى، يېڭى ئالتايىسكى شەھىرى، رۇبزوۋسكى شەھىرىنىڭ جۇڭگو تەرەپتىكى ئۈچ دوست شەھەر ئارىسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ خەلقى ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  يىغىندا، ئىككى تەرەپنىڭ پەن - تېخنىكا، مائارىپ، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى، دوست شەھەر ۋەكىللىرى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، تاشقى ھەمكارلىق ئالاقە سۇپىسى بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز «شىنجاڭ ياخشى ھەمراھ» باش تېمىسىدا ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىر قاتار دوستانە ھەمكارلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش