دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ھەر ۋاقىت كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش تولۇق قاپلىدى، «بۇلۇت» تېرمىنالى كۈچەپ، باشقۇرۇش ـ قوغداشقا ياردەم قىلدى مەملىكەت بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش 796 ئىلتىماس ـ تەلەپ تاپشۇرۇۋېلىندى، بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش توختاپ قالمىدى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشتى شىنجاڭلىق ئوغلانلار گۇاڭشىدا ئوت ئىچىدىن ئادەم قۇتقۇزدى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە تەسىس قىلىندى ۋىلايەت «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىش، ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى بويىچە مەركەزلىك سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ۋىلايىتىمىزدىكى تۆت كەنت 3 ـ تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ـ كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت، بازار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

45 دۆلەت ۋە رايون بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدۇ
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-08-08 19:30:09

ئالتاي تېغى چەمبىرىكى ئىككىلەمچى رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرى تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە كىرگۈزۈلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە ئاسىيا قىتئەسى، ياۋروپا قىتئەسى، ئوكيانىيە قىتئەسى، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى، ئافرىقا قىتئەسىدىكى جەمئىي 45 دۆلەت ۋە رايوندىكى ئاپپاراتلار، كارخانىلار تور ۋە تور سىرتىدا 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بېكىتكەن.

  بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز ئامىللارنى يېڭىپ، چېگرا سىرتىدىن كۆرگەزمىگە قاتنىشىشنى ھاۋالە قىلىش، ۋاكالىتەن كۆرگەزمىگە قاتنىشىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ئاپپاراتلار ۋە كارخانىلارنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا، يىغىنغا قاتنىشىشقا كەڭ دائىرىدە تەكلىپ قىلدى. كۆرگەزمىدە خەلقئارا ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئاساسلىق مېھمان دۆلەت مەخسۇس رايونى، دۆلەت ۋە رايونلار ئوبرازى مەخسۇس رايونى، RCEP رايونى تاۋار مەخسۇس رايونى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مەخسۇس رايونى، دۇنياغا داڭلىق ھاراق مەخسۇس رايونى ھەم ھەرقايسى دۆلەت(رايون)لەرنىڭ خاس تاۋارلار كۆرگەزمە رايونى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە خاس تاۋارلار كۆرگەزمە رايونىدا پاكىستان ياقۇتى، موڭغۇلىيە تىۋىت بۇيۇملىرى، كورېيە گىرىم بۇيۇملىرى، ھىندونېزىيە قەھۋەسى، فىرانسىيە قىزىل ھارىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ خاس يېمەكلىكلىرى، توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى، قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى، ئۈنچە - مەرۋايىتلىرى ھەم ئەلا سۈپەتلىك كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلار مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

  «تەشكىلىي كومىتېت خەلقئارا ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ مول خەلقئارالاشقان ئامىللارنى كۆپچىلىككە نامايان قىلىشقا تىرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە توققۇز مەيدان چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى ماسلاشتۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ، كۆرگەزمە ئىقتىساد - سودا ئالاقە ھەمكارلىق سۇپىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارالىق كۆرگەزمىنىڭ ئوچۇق، كۆپ مەنبەلىك، سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك دەۋر ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىدۇ» دېدى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جاڭ شۇجۈن.

  «چېگرا سىرتىدىكى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، تەشكىلىي كومىتېت بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، ھەربىر مەيدان پائالىيەتكە ماس كېلىدىغان ئاپپارات ۋە كارخانىلارنى قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، ئەستايىدىل، ئىنچىكە، كەسپىي تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى سودىگەرلەرگە كۆرگەزمە سودا پۇرسىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ» دېدى جاڭ شۇجۈن.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئالتاي تېغى چەمبىرىكى ئىككىلەمچى رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق خەلقئارا مۇنبىرى 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، نۆۋەتتە تەييارلىق خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا.

  مۇنبەرنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ، باش تېمىسى «ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئالتاي تېغى چەمبىرىكى ئىككىلەمچى رايوننىڭ گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش» بولۇپ، تور ۋە تور سىرتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ، تور ۋە تور سىرتى ئومۇمىي كۆلىمى 280 ئادەم ئەتراپىدا بولىدۇ.

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئالتاي تېغى چەمبىرىكى ئىككىلەمچى رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق خەلقئارا مۇنبىرى تۆت نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، «ئالتاي تېغى چەمبىرىكى ئىككىلەمچى رايون ئىقتىساد چەمبىرىكى»نى ئورتاق قۇرۇشتىن ئىبارەت ئورتاق تونۇشنى شەكىللەندۈرۈپ، سىياسىي، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد - سودا، پەن - تېخنىكا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردە بىر قاتار مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ جۇڭگو، رۇسىيە، قازاقىستان، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالتاي تېغى چەمبىرىكى رايون ئارا يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسى ۋە خەلق ئىچى ھەمكارلىقىدا تەسىر كۈچى بار سۇپىغا ئايلاندى. 2 - نۆۋەتلىك، 3 - نۆۋەتلىك، 4 - نۆۋەتلىك مۇنبەردە 20 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەدەنىيەت، ئىلىم ئالماشتۇرۇشتىن ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى تەرەققىياتىغا يۈزلىنىشتە ماھىيەتلىك قەدەم تاشلاندى. بۇ يىل، بۇ مۇنبەر تۇنجى قېتىم جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىگە كىرگۈزۈلدى.

  بۇ قېتىمقى مۇنبەردە رۇسىيە، قازاقىستان، موڭغۇلىيە قاتارلىق ئەتراپتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قىسمەن ئۆلكە باشلىقلىرى، ئوبلاست باشلىقلىرى، باش مەمۇرلىرى قاتارلىقلار سىن شەكلىدە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ. مۇنبەر مەزگىلىدە سودا - سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىلىرى، كارخانىلار ئارا ئالتاي تېغى چەمبىرىكى ئىككىلەمچى رايون ھەمكارلىق تۈرىدە كېلىشىم ئىمزالاش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش