پايدا ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.7 ئاشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 8 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىگە دائىر «يېرىم يىللىق دوكلات»نى ئېلان قىلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، تەرەققىيات قەدىمى سىجىل تېز بولدى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە «مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈش» ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.
6 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مالىيە تېز مەلۇم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن936 (1 ـ دەرىجىلىك كارخانا، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) دۆلەت كارخانىسى ھەم دۆلەت ئىلكىدىكى پېيى كونترول قىلىنىدىغان كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 3 تىرىليون 327 مىليارد 686 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.6 ئاشتى؛ ساپ مۈلكى 1 تىرىليون 86 مىليارد 757 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.5 ئاشتى؛ 1 ـ ئايدىن 6 ـ ئايغىچە جەمئىي ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 264 مىليارد 275 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.3 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 11 مىليارد 736 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.7 ئاشتى.
ئالدىنقى يېرىم يىلدا، كەسىپلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، سانائەت كەسپىدىكى ئاساسلىق مەھسۇلاتلارنىڭ بازار تەمىنات ـ ئېھتىياجى تەكشى، مۇقىم بولغان، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش تەڭ جانلانغان، خىمىيە، مېتاللورگىيە، كۆمۈر قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ ئۈنۈمى، تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان.
1 ـ ئايدىن 6 ـ ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى سانائەت كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 59 مىليارد 304 مىليون يۈەن بولدى؛ ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 8 مىليارد 262 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.4 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، خىمىيە سانائىتى ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 5 مىليارد 782 مىليون يۈەن، مېتاللورگىيە سانائىتى ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 517 مىليون يۈەن، كۆمۈر سانائىتى ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 813 مىليون يۈەن بولدى.
ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كۆلىمى مۇۋاپىق ئېشىشنى ساقلىدى، پۇقراۋى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە كەسىپلىرىنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى. دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 19 مىليارد 906 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.5 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 5 مىليارد 629 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.4 ئاشتى.
سودا كەسپى تېز ئەسلىگە كېلىپ، كىرىمى، ئۈنۈمىنىڭ ئېشىشى كۈچلۈك بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، دۆلەت ئىلكىدىكى سودا كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 128 مىليارد 527 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 649 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زىياننى تۈگىتىپ ئاشۇرغان پايدا 652 مىليون يۈەن بولدى.
ئالدىنقى يېرىم يىلدا، قاتناش ـ تىرانسپورت كەسپىدە ئومۇمىي جەھەتتىن 1 ـ پەسىلدىن بۇيانقى جانلىنىش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى، ئاۋىياتسىيە كەسپى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ، تىجارەت كىرىمى تەدرىجىي كۆپەيدى. قاتناش ـ تىرانسپورت كەسپى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 9 مىليارد 651 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.1 ئاشتى.
بىناكارلىق كەسپىدە بازار مۇھىتى ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 17 مىليارد 121 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.4 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 691 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.26 ھەسسە ئاشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى باسقۇچتا، دۆلەت كاپىتالىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى قايتا تەشكىللەش، بىرىكتۈرۈش، ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، دۆلەت كارخانىلىرى ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، شىنجاڭنىڭ ماكرولۇق ئىقتىساد ئومۇمىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.