ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 21 ـ قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلدى
يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭەشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 5 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 21 ـ قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش»نى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش قانات يايدۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا، 12 يولداش سۆز قىلدى.
دائىمىي كومىتېت ئەزاسى لەي جىڭگاڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: يادرولۇق رايون يىرىك پىلان سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بەش چوڭ مەركەز»نىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي پىلانلاپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى جياڭ پىڭئەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىنى تېزلىتىپ، تۈگۈننىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، غەربكە تۇتاشتۇرۇش يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى چى شياۋبىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئەشيا ئوبوروتى توپلاشقان مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ ئەزا لى شۆدۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: زامانىۋى قاتناش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتىكى ياخشى يول ئاچقۇچى ئاۋانگارتلاردىن بولۇش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى شيې شۈەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، ئىختىساسلىقلار كاپالىتى سالمىقىنى زورايتىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ۋاڭ خۇڭشىن مۇنداق تەكلىپ بەردى: كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق ئۇسۇلى ۋە قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ، چەت ئەلگە ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى ئىجرا قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك؛ ئەزا شۈ رىشىن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پىلانلاش بىلەن يولغا قويۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئەۋزەللىككە قويۇپ، رايونلارنىڭ پەرقلىق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ئەمىنا ئورازغالى مۇنداق تەكلىپ بەردى: تۇتاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ تىرىكىنى پۇختىلاپ، شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ما خۇادۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: قەشقەرنىڭ پورت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپلەر توپى ۋە پورتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى بۇخەلچەم ئىمىنئەلى مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئالماشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پەن تەتقىقات سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى سىرتقا چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى بۇھەجەر ئابلا مۇنداق تەكلىپ بەردى: سىرتقا يۈزلەنگەن يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مالىيە، پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تاشقى سودىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەۋپ ـ خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ ئاپتونوم رايونلۇق مۇتەخەسسىس، مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى يىڭ شۈدۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: باشقا ئەركىن سودا رايونلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېچىۋېتىشنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.
يىغىن مەزگىلىدە، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر «جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، غەربكە تۇتاشتۇرۇش يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش» «ئەشيا ئوبوروتى توپلاشقان مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش» «قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش چوڭ يول قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتىكى ياخشى يول ئاچقۇچى ئاۋانگارتلاردىن بولۇش» «ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش» قاتارلىق مەخسۇس تېمىلارنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
يىغىندا يەنە كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار چۈشەندۈرۈش ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن خۇڭمېي يىغىنغا قاتنىشىپ، ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پېڭ جيارۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، چيۇ شۇخۇا، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، دىلشات قېدىرقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، باش كاتىپ گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش