ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تور خەۋىرى. 5 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش قوشۇنى پارتىيە ئەزالىرى تەربىيە بازىسىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئاقسۇ كۆكيار خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گاڭ، شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش باش ئەترىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېيسى لى جيەن مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئاچتى.
ۋاڭ گاڭ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمىگە ۋاكالىتەن شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش قوشۇنى پارتىيە ئەزالىرى تەربىيە بازىسىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە پائال تۆھپە قوشۇۋاتقان كەڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش خادىملىرىغا چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كۆكيار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆكيار قاقاسلىقىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەملىك كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەشتە مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش قوشۇنى ئەزەلدىن شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئەلا ئىستىلنى ساقلاپ، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، مۈشكۈل ۋەزىپىلەردە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆكيار خاتىرە سارىيى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىم ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى قاتارلىق ئەمەلىي مەشىق قىلىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش بازىسى ھېسابلىنىدۇ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆكيار روھىنىڭ يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى تىرىشىپ بېيىتىپ، كۆكيار خاتىرە سارىيىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى سىجىل كۈچەيتىپ، كۆكيار خاتىرە سارىيىنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، قىزىل قان تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇش، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم بازىسى قىلىپ بەرپا قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش قوشۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارتىيە ئەزالىرى ئىدىيەۋى تەربىيەسى جەريانىدا تېخىمۇ پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
لى جيەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش قوشۇنىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىپ، نەچچە ئەۋلاد ئاقسۇلۇقلارنىڭ ئەۋلادتىن ـ ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش»تەك كۆكيار روھى ئۇلۇغ مىللەت روھىغا كۈچلۈك ۋارىسلىق قىلىش بولۇپ، ئۇ دەۋر روھىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش قوشۇنلىرى ئاقسۇلۇقلارنىڭ دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇش جاسارىتى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش غەيرىتى، داۋاملىق كۈرەش قىلىش جۈرئىتىدىن ئۆگىنىپ، كۆكيار قاقاسلىقىنى كۆكەرتىشنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇپ، كۆكيار روھىنىڭ دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىدىن پايدىلىنىپ كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، تۈرلۈك ئاپەت، ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ـ بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئېغىر مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كەسپىي، دەل جايىدا بولغان، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش، سىجىل كۈچ قوشۇش يېڭى مۇساپىسىدە، تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، دېگەن مەنىۋى مەنزىل ۋە تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك، دېگەن سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ئىرادىسىدىن قايتماي چىڭ تۇرۇپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك.
ۋىلايەت رەھبىرى چاڭ يۈشۈەن پائالىيەتكە قاتناشتى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش