دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شايار ناھىيەلىك ئايلانما ئىقتىساد سانائەت باغچە رايونى:
ئەۋزەل كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-05-26 13:08:35

  ئاقسۇ ئاخبارات تور خەۋىرى. 5 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، مۇخبىر شايار ناھىيەلىك ئايلانما ئىقتىساد سانائەت باغچە رايونىغا كىرگەندە، شىنجاڭ دېھقانچىلىق ـ چارۋىچىلىق سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 2×80 مىڭ توننا مېلامىن ۋە مېلامىن سىمولا ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى جىددىي قۇرۇلۇۋاتقان ئىدى.

  بۇ تۈردە شايار ناھىيەسىنىڭ مول تەبىئىي گاز بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، مېلامىن سىمولا يېڭى ماتېرىياللىرى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇپ، بايلىقنى ئۆز جايىدىلا ئايلاندۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ تۈرگە جەمئىي 9 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، ئۈچ قارارغا بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ، 1 ـ قارارغا جەمئىي 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، كۈنىگە 1 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى سۇيۇقلاندۇرۇش زاۋۇتى قۇرۇلىدۇ؛ 2 ـ قارارغا جەمئىي 5 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يىلىغا 100 مىڭ توننا مېلامىن سىمولا يېڭى ماتېرىياللىرى ۋە 1 گېگاۋاتلىق يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك چىقىرىش تۈرى قۇرۇلىدۇ؛ 3 ـ قارارغا جەمئىي 3 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، يىلىغا 2×80 مىڭ توننا مېلامىن ۋە مېلامىن سىمولا ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قۇرۇلىدۇ. پۈتۈن تۈر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 4000دىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.

  شايار ناھىيەسى ۋىلايىتىمىزدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئېچىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خادې نېفىتلىكى، شۇنبېي نېفىتلىكىدىن ئىبارەت 100 مىليون توننا دەرىجىلىك ئىككى مۇكەممەل قۇملۇق نېفىتلىكىگە ئىگە بولۇپ، خام نېفىت زاپىسى 3 مىليارد 900 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ، تەبىئىي گاز زاپىسى 700 مىليارد كۇب مېتىر كېلىدۇ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شايار ناھىيەسى نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتى كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، زىچ توپلانغان، رىقابەت كۈچى كۈچلۈك ئايلانما تەرەققىيات كەسىپ زەنجىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى.

  شايار ناھىيەلىك ئايلانما ئىقتىساد سانائەت باغچە رايونىنىڭ يەنە بىر چېتىدە، شىنجاڭ يۈشياڭ توغراق خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى شايار ناھىيەسىنىڭ مول نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىقىدىن پايدىلىنىپ تېز تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت يىلىغا 400 مىڭ توننا بىرىكمە ئاممىياك، 450 مىڭ توننا نىترات كىسلاتاسى، 460 مىڭ توننا ئاممونىي نىترات، 200 مىڭ توننا UAN سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئوغۇتى، 600 مىڭ توننا ئورىيا، 600 مىڭ توننا نىترو بىرىكمە ئوغۇت، 110 مىڭ توننا مېلامىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، كۆپ تۈرلۈك مۇستەقىل بىلىم ـ مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە پاتېنت تېخنىكىسى بار، مەھسۇلات قىممىتى جەمئىي 15 مىليارد يۈەنگە، پايدا باج 2 مىليارد 141 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تاپشۇرىدىغان باج كىرىمى 765 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ شىركەت ئايلانما ئىقتىساد كەسىپ زەنجىرىنى پائال شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى.

  بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىپ پايدىلىنىش ئۈچۈن، شايار ناھىيەسى زەنجىرنى كۈچەيتىش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، يانداش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېتەكچى كەسىپلەرنى دەل جايىدا پىلانلاپ، ئەۋزەل كەسىپلەر توپى يېتىلدۈرۈپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، سانائەت سېلىنما سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق سانائەت تۈرلىرىنى تەرتىپلىك ماكانلاشتۇردى. بۇ يىل 1 ـ پەسىلدە، شايار ناھىيەلىك ئايلانما ئىقتىساد باغچە رايونىغا يېڭىدىن 12 كارخانا ماكانلىشىپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليارد 275 مىليون يۈەنگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش