ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.29 ئاشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى تۆت ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى 2367، رايون سىرتىدىن كىرگۈزۈپ نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ 115 مىليارد 893 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.29 ئاشقان.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سودا ۋە سودىگەر چاقىرىش تارماقلىرى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، نۇقتىدا تۇرۇپ سودىگەر چاقىرىش، كىچىك شۆبە ئەترەتلەر سودىگەر چاقىرىش، بۇلۇتتا سودىگەر چاقىرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا نەقلەشكەن مەبلەغ 65 مىليارد 154 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.73 ئاشقان؛ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى (تۇرپان، قومۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا نەقلەشكەن مەبلەغ 50 مىليارد 739 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.03 ئاشقان.
ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بازارلاشقان ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تەدبىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە رەقەملەشكەن ئىدارە قىلىش يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ قاتلىمىنىڭ تۆۋەن دەرىجىدىن يۇقىرى دەرىجىگە، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ مۇھىم ئامىل ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتىن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا ئۆزگىرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، تۈرلەرنى كېڭىشىش، كېلىشىم ئىمزالاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش سۈرئىتىنى سىجىل تېزلىتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش پىكىر يولى ۋە ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە سودىگەر چاقىرىش، نۇقتىدا تۇرۇپ سودىگەر چاقىرىش، سودىگەرلەر ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىشنى سىجىل قانات يايدۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىرىش ئۆتكىلى، مۇھىت ئۆتكىلى، مەبلەغ سېلىش سىجىللىقى ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش