ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تور خەۋىرى. يېقىشلىق مەنزىرە، راھەت كىلىمات، مول، مەززىلىك تاماقلار... 5 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، 2022 ـ يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرى شۆبە يىغىن مەيدانى پائالىيىتى مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 1 ـ بېكىتى ـــ بېيشەن كەنتىدە باشلاندى.
شۇ كۈنى چۈشتە، ئاغى يېزىسىنىڭ بېيشەن كەنتىدىكى بىر پۇقراۋى قونالغۇدا مەززىلىك تاماق يەۋاتقان ئاقسۇلۇق ساياھەتچى لۇ گۇاڭچياڭ مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىغا كەلگەندە، چوڭ كۆل، كىچىك كۆلنى تاماشا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىز بېيشەن كەنتىگە كېلىپ ئايلىنىپ، بېيشەن كەنتىنىڭ يەرلىك ئوغلاقلىرىنى يەپ، كەنتنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى سەيلە قىلىپ، يېزا ـ كەنتنىڭ تىنچ تەبىئىي مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىمىز.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى ئاغى يېزىسى بېيشەن كەنتىنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى، ئۆزگىچە يۇلتۇزلۇق ئاسمان پۇقراۋى قونالغۇسى، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئاھالىلەر تۇرالغۇسى، ئۆزگىچە دېھقانلار ئارامگاھى، ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى، دالىدا قونۇش لاگېرى قاتارلىق كۆپلىگەن يېزا ـ كەنت ئۆزگىچە ساياھەت تۈرلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، بۇ كەنتنى ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما خۇشال ـ خۇرام ئوينىغىلى كېلىدىغان، رازى بولۇپ قايتىدىغان ۋاڭخۇڭ كەنتكە ئايلاندۇردى.
بېيشەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شى ياۋۋېن مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە چوڭ ـ كىچىك دېھقانلار ئارامگاھىدىن ئالتىسى، پۇقراۋى قونالغۇدىن 25ى بار بولۇپ، جەمئىي 160 كىشى سىغىدۇ. ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ھەقىقىي تۈردە «ساياھەت تامىقى» يېيەلىدۇق.
ئىگىلىنىشىچە، «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» پائالىيىتى مەزگىلىدە، كۇچا شەھىرى «كۈسەن قەدىمىي يولى ـــ ئاغى قەدىمىي شەھىرى»دە پىيادە مېڭىش پائالىيىتى، «كۇچالىقلار كۇچانى ساياھەت قىلىش» بويىچە مەنزىرە رايونلىرىنى ھەقسىز ساياھەت قىلىش پائالىيىتى، «مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدىن ئۆتكەچ، بېيشەندە ئۇچرىشىپ، رومانتىكلىق لايىق تاللاش» پائالىيىتى، «مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدا مېڭىش، بېيشەنگە رىشتە باغلاش» قەھرىمانلار يولى باش تېمىلىق دېكلاماتسىيە پائالىيىتى، «مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدا مېڭىپ، بېيشەننى ئۇچرىتىش» ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت ماركېتىڭىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈدىكەن.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش