ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تور خەۋىرى. 5 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ۋىلايەت مالىيەسى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر ۋە ۋىلايەتلىك شۇ دەرىجىلىك خامچوت ئورۇنلىرىغا 2022 ـ يىللىق مەركەزنىڭ يەرلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ياردەم پۇل مەبلىغىدىن 38 مىليون 50 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەرگە 17 مىليون 895 مىڭ يۈەن، ۋىلايەتلىك شۇ دەرىجىلىك خامچوت ئورۇنلىرىغا 20 مىليون 155 مىڭ يۈەن ئاجراتقان.
ناھىيە (شەھەر)لەرگە ئاجرىتىلغان ياردەم پۇل مەبلىغى ئاساسلىقى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىك كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيىنى رەقەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش، يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)لارنىڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتلىرى ۋە كەنت (مەھەللە) ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەركىزى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئاسراشقا ئىشلىتىلىپ، مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ دائىملىق قانات يايدۇرۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ۋىلايەتلىك شۇ دەرىجىلىك خامچوت ئورۇنلىرىغا ئاجرىتىلغان ياردەم پۇل مەبلىغى ئاساسلىقى رايون خاسلىقىغا ئىگە سەرخىل ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيىتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كوچا رايونى، بازىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، كۇتۇپخانا ئىشلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىش ياساش، لايىھەلەش، ناخشا ـ ئۇسسۇل تىياتىرخانىسىنى رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھېكايىلىرىنى ئىجاد قىلىش ۋە داڭلىقلار خىزمەت ئۆيلىرى تەربىيەلەش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. مەبلەغنىڭ ۋاقتىدا چۈشۈرۈلۈشى ۋىلايەت، ناھىيە (شەھەر)، يېزا (بازار)، كەنت (مەھەللە) دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئۆلچەملىك، باراۋەر تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا ۋىلايىتىمىز مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئەھمىيىتى زور.
كېيىنكى قەدەمدە، ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسى نەتىجە ـ ئۈنۈم نىشانىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون چۈشۈرگەن نەتىجە ـ ئۈنۈم نىشانىنى نازارەت قىلىش ۋە باھالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش