دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

«شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل ئەتىنى كۈتۈۋالىدۇ»
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-05-24 11:49:28

خەلق گېزىتى مۇخبىرى خەن شياۋمىڭ

ھازىر، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، ھەقىقىي كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولماقتا. بۇ، جۇڭگونىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، مىللەتلەر باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق خەلقنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغانلىقىنىڭ ئەينەن كارتىنىسى.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققانىي تەشەببۇسى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغان بولۇپ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىنىڭ نەزەرىيەۋى ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ رېئال يولىنى بېيىتتى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ياخشى - ياخشى ئەمەسلىكىدە شىنجاڭ خەلقى ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. خەلقئارادىكى بەزى كۈچلەرنىڭ رەزىل غەرەزدە پىتنە - ئىغۋا توقۇپ قارا چاپلىشى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئالدىدا بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدۇ.

خەلق تۇرمۇشى سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى

خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق، تەرەققىيات خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 3 مىليون 64 مىڭ 900 نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، 35 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، مىڭ يىللىق مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى، بۇ، جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە كىشىلىك ھوقۇق مۇۋەپپەقىيىتى.

فىرانسىيەنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى سونىيە برېسلېي ئىلگىرى كۆپ قېتىم شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇپ، قەدىمىي يىپەك يولىنى زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار نۇرغۇن ئەسەرنى نەشر قىلدۇرغان، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنى، جەمئىيىتىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى كۆرگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا، مەن شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي كاپالەت ئاپپاراتلىرىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانىدىم، بۇ ئاپپاراتلار خەلقنى ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىشسىزلىق بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، پېنسىيە كاپالىتى، ئىگىلىك تىكلەش مەدىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىكەن، مەن جۇڭگونىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن قالتىس تىرىشچانلىقىنى كۆردۈم».

برېسلېي مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى كۆپ مىللەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتى ۋە دىن مەدەنىيىتىنى قوغدىدى. ئۇ شىنجاڭدا نۇرغۇن كىشىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ دۆلەتكە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشىنىشىنى ھېس قىلغان.

شىنجاڭ ھەر يىلى ئادەتتىكى ئاممىۋى مالىيە خامچوت چىقىمىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار قۇرۇلۇشلارنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. شىنجاڭ شەھەر - يېزا مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، جەنۇبىي شىنجاڭدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ تولۇق قاپلىدى، ئاپتونوم رايون بويىچە تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ئوقۇش يېشىغا توشمىغان 1 مىليون 558 مىڭ بالىنىڭ يەسلىگە «كىرىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق كىردى»، بىرمۇ بالا نامراتلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قالمىدى، ئوقۇشتىن توختاپ قالمىدى، ئوقۇيالماي قالمىدى.

جۇڭگو خەلق داشۆسى جۇڭگو ئەنئەنىۋى ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، رۇسىيەلىك ئالىم سولونىن مۇنداق دېدى: ئۆزۈمنىڭ ئوقۇتۇش تەسىراتىمدىن قارىغاندا، شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇل مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئۈچۈن نۇرغۇن ئىختىساسلىق خادىمنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشى خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ ئاچقۇچلۇق شەرتى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسىي مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى.

ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى

ئۇيغۇر مىللىتىدە «ئۆز قولى بىلەن ئۈزۈپ يېگەن مېۋە بالدىنمۇ تاتلىق» دەيدىغان ماقال - تەمسىل بار. شىنجاڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، شەھەرگە تەرتىپلىك كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار نوپۇسنىڭ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى.

«ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئۆسۈمسىز قەرز سىياسىتىدىن كۆپ قېتىم بەھرىمەن بولدۇم.» مەمتىمىن سەمەر شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسى ئالتۇن كالا باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى. داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ يۇرتىغا قايتىپ چارۋا باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى. بىرنەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ئۇنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمى بارغانسېرى زورايدى.

2020 - يىلى، ئالىي تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن گۈزەلنۇر تۇرۇپ شىنجاڭ كورلا خۇيتۇڭتەي گۈل بېسىش - بوياش پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە توقۇمىچىلىق ئىشچىسى بولدى، خىزمەت جەريانىدا، ئۇ رەڭگارەڭ يىپلاردىن گۈللىرى خىلمۇخىل لۆڭگە توقۇدى. كارخانىنىڭ كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ھەق ئېلىش، ئىشىغا قاراپ ئىش ھەققى ئېلىش تۈزۈمى بويىچە، ئۇ ھازىر ئايدا تەخمىنەن 4500 يۈەن كىرىم قىلىدۇ، پىراۋا ئېلىپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، ئاتا - ئانىسىنى ئېلىپ ساياھەت قىلىشنى پىلانلىدى.

مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ سۈپىتى ياخشى، پايدىسى يۇقىرى بولۇپ، نۇرغۇن دېھقان كېۋەز تېرىشنى ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى قىلىپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى توڭچىكە كەنتىدىكى پاختىكار راخمان يۇنۇس مۇنداق تونۇشتۇردى: كىچىك تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن مەشغۇلات قىلىدىغان، نۇرغۇن ئىشچى ئەمگەك مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدىغان كۆرۈنۈش تارىخقا ئايلاندى، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان چوڭ تىپتىكى تۈجۈپىلەپ تېرىيدىغان ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى ئۇرۇق سېلىش، سولياۋ يوپۇق يېپىش، تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى ياتقۇزۇش مەشغۇلاتلىرىنى بىر قېتىمدىلا «تاماملىيالايدۇ»، ئائىلىمىزنىڭ 530 مو كېۋەزلىكىنى ئىككى كۈندىلا تېرىپ بولالايمىز. «كېۋەز مايسىسى ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قەرەللىك ھالدا تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئەۋەتىپ دېھقانچىلىق دورىسى چاچىدۇ، يۇرتداشلار ئورتاق بېيىپ، كىرىمى بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇلتۇر ئائىلىمىزنىڭ مو بېشى پاختا ھوسۇلى 430 نەچچە كىلوگىرامغا يەتتى، ئومۇمىي كىرىم 1 مىليون 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى».

ئىسرائىلىيەلىك داڭلىق بىلوگ تارقاتقۇچى گالور ئۆزى ئىشلىگەن سىندا، كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا كېۋەز تېرىش ئەنئەنىسى بار، ھېچكىم شىنجاڭلىقلارنى كېۋەز تېرىشقا مەجبۇرلىغىنى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېۋەز تېرىش جەھەتتە، شىنجاڭدىكى پاختىكارلار ئىنتايىن ياخشى قىلدى.» «شىنجاڭ كېۋەز تېرىقچىلىقىنىڭ ماشىنىلىشىش ۋە ئاپتوماتلىشىش دەرىجىسىدە ئۆتكەن ئون يىلدا مۇھىم، زور بۆسۈش بولدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار ئىشلەتكەن نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ئامېرىكىدىن سېتىۋېلىنغان، بۇ، پاختىچىلىق كەسپىدە بىر يەرشارىۋى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ شەكىللىنىپ، شىنجاڭدىكى پاختىكارلارنىڭ تېرىقچىلىق جەريانىدا دۇنيادىكى ئىلغار تېخنىكىنى ئىشلەتكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ».

خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇلدى

ھەممە كىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بوشاشماس ئىنتىلىشى. كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش ئاغزاكى ۋەدە ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكەت. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ كىشىلىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلدى. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھېچكىمنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويمىدى.

جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەممىگە ئايان. جۇڭگو خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇمىيلىقلىقىنى كونكرېت ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىقتىسادى، سىياسىي، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، مۇھىت ھوقۇق - مەنپەئىتىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى تىرىشىپ قوغداپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى، جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 100دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 2000دىن كۆپرەك مۇتەخەسسىس، مۇخبىر، دىپلوماتىيە ئەمەلدارى، دىن ساھەسىدىكى زات قاتارلىقلار شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت تىنچ بولغان، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، خەلق بەختلىك بولغان ئەينەن ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. نۇرغۇن بىلىملىك زات شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، تەرەققىياتىدا ئەكس ئەتكەن جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، جۇڭگونىڭ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىغا قوشقان كۈچىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

سۇرىيەنىڭ سىياسىي مەسىلە مۇتەخەسسىسى ھاسان يۈسۈف ئىلگىرى شىنجاڭغا زىيارەتكە كېلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلغانلىقى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ باراۋەر بىللە ئۆتۈۋاتقانلىقى، خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ ئىكەنلىكىنى بىۋاسىتە ھېس قىلغان، «بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئېنىقكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئورتاق تىرىشىپ قولغا كەلتۈرگەن، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئىنكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.» يۈسۈف مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئىجتىمائىي كاپالىتى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، بۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بەردى ۋە ئۇنى قوغدىدى، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلدى.

فىرانسىيەلىك داڭلىق يازغۇچى، «ئۇيغۇرلارغا ئائىت يالغان خەۋەرلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ۋىۋاس مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل ئەتىنى كۈتۈۋالىدۇ».

كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىدە ئەڭ ياخشىسى يوق، پەقەت تېخىمۇ ياخشىسى بار. جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانى ماھىيەتتە جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش مۇساپىسىدۇر. كەلگۈسىدە، جۇڭگو ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يەرشارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىدۇ.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش