ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تور خەۋىرى. 5 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، ۋىلايەت «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال كۈتۈۋېلىش، ئونمىڭلىغان ۋەكىل ئونمىڭلىغان ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ۋىلايىتىمىز خەلق قۇرۇلتىيى سىستېمىسىنىڭ باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قايتا سەپەرۋەر قىلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇردى.
ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دۇ مىڭ باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەتتار تۇرسۇن باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
«پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال كۈتۈۋېلىش، ئونمىڭلىغان ۋەكىل ئونمىڭلىغان ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، ۋەكىللەر بىلەن ئاممىنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشتىكى كۈچلۈك تۇتقا. ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئىدىيەۋى تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تەلىپىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
پائالىيەتتە، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال كۈتۈۋېلىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «بەش بىر، بەشتە باشلامچى بولۇش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، ئاممىنى زىيارەت قىلىش، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتى قاتارلىقلارنى يۇقىرى ئۆلچەملىك، مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىشتىكى مەزمۇن ۋە شەكلىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى ئاممىۋى خىزمەتكە سىڭدۈرۈپ، ھەر ئايدا پائالىيەت بولۇش، ھەممە ئادەمنىڭ ۋەزىپىسى بولۇش، ھەممە ئىشتا نەتىجە ـ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا، خەلقنىڭ رايى، خەلقنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە پائال تۆھپە قوشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك ـ يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ماركىسىنى يارىتىپ، باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
باشلاش مۇراسىمىدا، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تاڭ جيەنفېڭ «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ‹پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال كۈتۈۋېلىش، ئونمىڭلىغان ۋەكىل ئونمىڭلىغان ئائىلىگە كىرىش› باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئالاقىدار ئۇقتۇرۇش»ىنى ئوقۇدى.
ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن ئېزىز مەتنىياز، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى باشقارما، ئىشخانا مەسئۇللىرى، ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش