دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئالدىنقى تۆت ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4 ئاشتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-05-23 12:01:23

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى خېي خۇڭۋېي، گاۋ فېڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى تۆت ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرىدا سىجىل جانلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 104 مىليارد 626 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 4.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. نورمىدىن  يۇقىرى ئورۇنلار ئىشقا ئاشۇرغان جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 52 مىليارد 951 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشقان.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىستېمال سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش، يېزىلارنىڭ ئوبوروت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، يېزا - كەنت ئىستېمالىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، پائال نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. ئالدىنقى تۆت ئايدا، ئاپتونوم رايون بويىچە نورمىدىن يۇقىرى ئورۇنلار ئىشقا ئاشۇرغان تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 50 مىليارد 323 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئاشتى؛ نورمىدىن يۇقىرى ئورۇنلار ئىشقا ئاشۇرغان يېمەك - ئىچمەك كىرىمى 2 مىليارد 628 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.1 ئاشتى.

  ئالدىنقى تۆت ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر، يېزا بازارلىرى سىجىل جانلىنىپ، ئاشلىق، ياغ، يېمەكلىك تۈرى، سۇ مەھسۇلاتلىرى تۈرى، كۆكتات تۈرى، ئىچىملىك تۈرى قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇش تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ سېتىلىشى بىرقەدەر تېز ئاشتى. ئاپتونوم رايون بويىچە نورمىدىن يۇقىرى شەھەر - بازار ئورۇنلىرى ئىشقا ئاشۇرغان ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 50 مىليارد 27 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.4 ئاشتى؛ نورمىدىن يۇقىرى يېزا - كەنت ئورۇنلىرى ئىشقا ئاشۇرغان ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 2 مىليارد 925 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.1 ئاشتى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق سېتىش، ۋەيمەي ئارقىلىق سېتىش، كوللېكتىپ تاماق زاكاز مۇلازىمىتى، ئۇچراشماي مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق يېڭىچە تىجارەت - سودا ئەندىزىسىنى كېڭەيتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تور ئىستېمالىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى كۈنسېرى ئاشتى.

  يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سودا تارماقلىرى كۆپ تەرەپنىڭ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ۋاقىتقا ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ، ئومۇمىي مەھسۇلات تۈرى، پۈتۈن يول، خاس باش تېمىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ۋە 2022 - يىللىق باھار بايرىمىلىق توردا مال سېتىۋېلىش بايرىمى، شىنجاڭنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئىستېمال ئېيى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئارقا - ئارقىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق ساھەلەردە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىستېمال بازىرىنى سىجىل ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھاياتىي كۈچ قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش