دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.4 ئاشتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-05-23 11:57:33

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.4 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 3.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، مەملىكەت بويىچە 13 - ئورۇندا تۇرۇپ، 1 - پەسىلگە سېلىشتۇرغاندا تۆت ئورۇن ئالدىغا سۈرۈلدى.

  ئۈچ چوڭ تۈردىن قارىغاندا، 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كانچىلىق قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.2 ئاشتى، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ %3.9 ئاشتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ %6.4 ئاشتى. ئاپتونوم رايون بويىچە تۆمۈريول يۈك توشۇش مىقدارى 67 مىليون 346 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.6 ئاشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 7.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ %58.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1 - پەسىلدىكىدىن 26.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

  11 ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)نىڭ سانائىتىدە ئېشىش ئىشقا ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، قومۇل شەھىرىنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %20تىن ئېشىپ كەتتى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق سانائەت كەسىپلىرى ئىچىدە، كۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كىرېمنىي ئاساسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ماتېرىيال كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى؛ نېفىت، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خىمىيە سانائىتى، رەڭلىك مېتال، توقۇمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسىپلىرى تەكشى، مۇقىم ئېشىشنى ساقلىدى؛ 46 خىل نۇقتىلىق سانائەت مەھسۇلاتى ئىچىدە، 29 خىل مەھسۇلاتنىڭ مەھسۇلات مىقدارىدا ئېشىش ئىشقا ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %63 بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، خام نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، ئېتىلېن، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، خىمىيەلىك تالا، رەخت قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشى بىرقەدەر تېز بولدى.

  1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.3 ئاشتى؛ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى %7.7 ئاشتى؛ كۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشى تەڭ جانلاندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى %29 ئاشتى، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىرېمنىي ئاساسىدىكى ئېلېكتىرون ماتېرىيال كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى بازار ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكىسىدە، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي بازىرى تەمىنات قىس بولۇش ھالىتىدە تۇرغان بولۇپ، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىينىڭ باھاسى سىجىل يۇقىرى ئورۇننى ساقلاپ كەلدى، كىرېمنىي ئاساسىدىكى ئېلېكتىرون ماتېرىياللىرى كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشى تەڭ جانلاندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي مەھسۇلات مىقدارى %24.0 ئېشىپ، كىرېمنىي ئاساسىدىكى ئېلېكتىرون ماتېرىياللىرى كەسپىدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلار ئىشقا ئاشۇرغان ئاساسلىق تىجارەت كىرىمى 1.5 ھەسسە ئاشتى.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 50 تۈرلۈك مۇھىم، زور سانائەت تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى «بىر كارخانىغا بىر سىياسەت» «بىر تۈرگە بىر لايىھە»نى يولغا قويۇپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەر زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كارخانىلار «ئاق تىزىملىكى» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق كەسىپلەر زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەر زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش