دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭ بۇ يىل 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 11 مىڭنى قۇرۇشنى پىلانلىدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئانار بۇلۇت- شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-05-19 16:04:52

شىنجاڭ بۇ يىل 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 11 مىڭنى قۇرۇشنى پىلانلىدى

 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يەنخۇڭ) 2022- يىلى، شىنجاڭ 1 مىليارد 630 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 11 مىڭ 775نى قۇرۇپ، 5G تورىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى پىلانلىدى.

 مۇخبىرنىڭ 5- ئاينىڭ 18- كۈنى شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ئۇچۇر- ئالاقە كەسپىدە تېلېگراف ئومۇمىي مۇلازىمىتى، «قوش مىڭ مېگابايتلىق» تور قۇرۇلۇشى، سانلىق مەلۇمات مەركىزى تەرەققىياتى، 5Gنى ئەمەلىي قوللىنىش «يەلكەن چىقىرىش» ھەرىكەت پىلانى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە ئاساسىنى كۈچەيتىش ئىقتىدار قوشۇش قۇرۇلۇشى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولۇش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

 شىنجاڭ 2019- يىلى 5G تور قۇرۇلۇشىنى باشلىغاندىن بۇيان، مەبلەغ سېلىنمىسىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، 5G تور قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىپ، 5G تورىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، 5G كەسپىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

 ھازىرغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا 5G ئاساسىي پونكىتىدىن جەمئىي 20 مىڭ 856سى قۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدە 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 5083ى قۇرۇلدى. بارلىق ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ئاساسىي شەھەر رايونىدا 5G تورى بىلەن ئۇدا قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 107 ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوننىڭ ھەممىسىدە 5G بىلەن قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 1408 يېزا دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوننىڭ 997سىدە 5G بىلەن قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

 5G رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈشكە تىرەك بولىدىغان ئاچقۇچلۇق يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە. 5G رەقەملىك كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈشكە تىرەك بولىدىغان ئاچقۇچلۇق يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە. 5G تورى قۇرۇلۇشىنىڭ تېز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى خەۋەرلىشىش كارخانىلىرىمۇ 5G + كەسىپتە ئەمەلىي قوللىنىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، 5G تورى، تېخنىكىنىڭ سانائەت رايونى ۋە سانائەت كارخانىلىرىدا ئەمەلىي قوللىنىش مەنزىرىسى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىي قوللىنىلماقتا.

 «5G + ئەقلىي ئىقتىدارلىق كان»نى مىسالغا ئالساق، قومۇل، سانجى، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا، 5G تېخنىكىسى شۇ جايدىكى كانچىلىق كەسپى بىلەن زىچ يۇغۇرۇلۇپ، ئەنئەنىۋى كان قۇدۇقى مەشغۇلات شەكلىنىڭ رەقەملىشىشكە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، يەنى «ئادەملەر چارلاپ تەكشۈرۈش»تىن «مائۇس چېكىش»كىچە،  «ئادەملەر كانغا چۈشۈش»تىن «يىراقتىن نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش»كىچە، كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە چارلاش ئىشچىلىرىنىمۇ «ئازاد» قىلدى.

 بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى خەۋەرلىشىش كارخانىلىرى 5G، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، نەرسە تورى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، 5G كەسىپ زەنجىرى بىلەن كەسىپتە ئەمەلىي قوللىنىلىشىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك كەسپلەرنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشىگە كۈچ قوشۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشتە يېڭى نەتىجە- ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش