دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى ھەممە كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-05-06 10:22:16

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لىن

باھاردىكى شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى: كارخانا سېخىدا، ئىشچىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى؛ يېزا - قىشلاقلاردا دېھقانلار دېھقانچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ بىلەن مەشغۇل بولدى؛ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، رىياسەتچىلەر ئېكران ئالدىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال ساتتى... تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى مەۋج ئۇردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتى، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىدە باش ئورۇنغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇردى ۋە كېڭەيتتى. 2012 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر - بازارلاردا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 469 مىڭ 300 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى.

يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولۇش

بارلىق شەيئىلەر ھاياتىي كۈچكە تولدى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى تۆتتاش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى راھىلە ئىبراھىم باغدا ئىشلەۋاتاتتى. بۇ كەنت «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى + باغ» تىجارەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، راھىلە قاتارلىق 20 نەپەر كەنت ئاھالىسىنى ئىشىك ئالدىدىلا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. راھىلە خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «كەنتتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەپ كۈندە 100 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمەن، ئىشلىگەنسېرى غەيرىتىم ئاشتى».

ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشقان دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئېتىزلارنى پەرۋىش قىلالىدى ۋە ئائىلىسىدىكى ياشانغانلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالىدى، بۇ، كۆپ ساندىكى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇردى. «زاۋۇت ئىشىك ئالدىمىزدىلا، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش، ئائىلىدىن خەۋەر ئېلىش، پۇل تېپىشنىڭ ھەر ئۈچىلىسىگە دەخلى يەتمەيدۇ». 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، مەكىت ناھىيەسىنىڭ يانتاق يېزىسى كۆكتىكەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئالىم ياسىن مۇنداق دېدى: مەن ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدىكى ئوقۇش قوراللىرى زاۋۇتىدا ئىشلەيمەن، بۈگۈنكى كۈندە سېخنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلى بولدۇم، ئايلىق مائاشىم 4500 يۈەن، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

بارغانسېرى كۆپ كەنت ئاھالىسى ئىككى قولى بىلەن گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشنىڭ تەمىنى تېتىدى، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپنى ھەقىقىي ھېس قىلدى، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش غەيرىتى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بوشلۇقىنى پائال كېڭەيتىپ، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق ئىستېمال بۇيۇملىرى، ئاياغ، باش كىيىم، سومكا، چامادان قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەنت قۇرغان زاۋۇتلارغا، ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش سېخلىرىغا قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئەمگەك - مۇلازىمەت ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىغا يار - يۆلەك بولدى، كەسىپ(سانائەت)لەر باغچە رايونلىرىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك كۈچىنى ئىشىكى ئالدىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش، سىجىل ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 2012 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرى 28 مىليون 420 مىڭ ئادەم قېتىم ئىشلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشچىلار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇرۇدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز تىرىشىپ ھەر يىلى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ 2 مىليون 750 مىڭ ئادەم قېتىم ئىشلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلەش كۆلىمىنى سىجىل مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرىدۇ.

بىر ماھارەت ئىگىلەشتە غەيرەت بار

ماھارەت ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئاساسى. تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە بولساق، تاماق قاچىسىنى تۇتۇشتا تېخىمۇ غەيرەتكە تولىمىز.

«يېڭىدىن ئىشقا چۈشكەندە، شىركەت مەخسۇس ئادەم تەشكىللەپ بىزنى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت بويىچە تەربىيەلىدى، تۇنجى ئايدىلا مەن 800 يۈەن شاگىرت ياردەم تولۇقلىمىسى ئالدىم، ماھارەتكە تايىنىپ تاماق يېگەچكە، كۆڭلۈم خاتىرجەم بولدى.» شىنجاڭ يىلىڭ ئىلمە توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىسى ئايىمسا تۇرسۇن مۇنداق دېدى: ئۈچ يىل ئىلگىرى مەن تېخى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرى قۇمھويلا كەنتىدىكى ئائىلە ئايالى ئىدىم، شىركەتكە كىرگەندىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا بىر سۈپەت تەكشۈرگۈچىسى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. مېنىڭ تۈرتكە بولۇشۇمدا، 27 نەپەر كەنت ئاھالىسى كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلاندى.

يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلغان سەككىز يىلغا نەزەر سالساق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى قاتلامغا، تۈرگە ئايرىپ كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەربىر نامرات ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر ئەمگەكچىنىڭ بىر ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆگىنىپ، ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھەرقايسى جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى ئاساسىي بازا قىلىپ، ماھارەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى. تەربىيەلەش ئارقىلىق، بارغانسېرى كۆپ نامرات ئەمگەك كۈچلىرى ماھارەتكە تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش غەيرىتىنى ئاشۇردى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2012 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن شەھەر، يېزا ئەمگەكچىلىرىدىن 1 مىليون ئادەم قېتىم تەربىيەلەنگەن. تەربىيەلەشكە قاتناشقانلار تەربىيەلىنىش ئارقىلىق بىرەر ماھارەتنى ئىگىلىگەن، ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولغان.

ماھارەت ئىگىلىگەندە تاماق قاچىسىنى چىڭ تۇتقىلى بولۇپلا قالماي، يەنە تاماق مەززىلىك تېتىيدۇ. خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش بازىرى ئاربويى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى روزىمەمەت ياسىن بىناكارلىق كارخانىسىدا كۆپ يىل ئۇستام بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، بۇلتۇر مەملىكەتلىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، تامچىلىق ئىش تۈرىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر گۇرۇپپىسى بويىچە مىس مېدال ئېلىپ، «مەملىكەتلىك تېخنىكا ماھىرى» دېگەن نامغا ئېرىشتى، ئايلىق مائاشى 3000 يۈەن ئۆسۈپ، شۇ جايدىكى بىناكارلىق كەسپى ساھەسىدە تالاشتا قالغان مۇنەۋۋەر ھۈنەرۋەن بولۇپ قالدى.

يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشتە ئۈمىد بار

ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە زور مىقداردىكى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشتا ھەسسىلەپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ. قەشقەر خېشىن قۇرۇلۇش تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ باۋلىن داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتى قەشقەر شەھىرى شامالباغ بازىرىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئەتراپتىكى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. شامالباغ بازىرى چېڭشى كەنتى 2 -، 3 - كەسىپ سانائەت باغچە رايونىدا بۇنداق كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار 600دىن ئارتۇق يېزا ئەمگەك كۈچىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون كارخانىلارنى ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوبۇل قىلىش ۋە يېتەكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يار - يۆلەك بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش، ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا دائىر يانداش سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. ياخشى سىياسەت يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى. بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان بارغانسېرى كۆپ ئوقۇغۇچى ۋە يۇرتىغا قايتقان بارغانسېرى كۆپ دېھقان ئىشچى قاتارلىقلار ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشنى تاللاپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئارزۇغا ئىنتىلمەكتە.

ئالىنۇر تۇرۇپ 2021 - يىلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەكتەپتىكى مەزگىلدە ئۇ ئىشنى ۋىيشىن سودىسىدىن باشلاپ ئىگىلىك تىكلىگەن، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك گىرىم بۇيۇملىرىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساتماقتا.

2021 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭى كەسىپ ھالىتىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتتى. جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسى، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى، بىر قېتىملىق ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى دەل ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تور سۇپىسى، رەقەملىك تاراتقۇ قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈردى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش