دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى ھەممە كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى بازاردا مال يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولدى ماللارنىڭ توردىكى سېتىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى 1 ـ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز توردا ۋە تور سىرتىدا تەكلىپ قىلىشتا 260 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى بۇ يەرگە قاراڭ، سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ... ۋىلايىتىمىز دەريا، كۆل ئېكولوگىيەسىنى «گۈزەللەشتۈرۈش كۇنۇپكىسى»نى باستى ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىپ، ھاياتلىق، ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلايلى 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىزنىڭ شەھەر ـ بازارلىرىدا 7518 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى C6 ھەيدەش كىنىشكىسى كەلدى | سۆرەلمە ئۆي ئاپتوموبىلى بىلەن ساياھەتكە چىقايلى ۋىلايەت بويىچە تۇنجى شەخسىيلەر ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىرىلدى باقمىچىلىق قىغ ـ بۇلغىمىلىرىنىڭ غەيرىي پۇرىقى پۇقرالارغا دەخلى يەتكۈزدى ئالاقىدار تارماقلار دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزەتتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

بازاردا مال يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولدى ماللارنىڭ توردىكى سېتىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-05-05 17:24:45

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ يۆ

«1 ـ ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايراملىق بازارلىرىدا ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم ئايلىنىش ۋەزىيىتى نامايان بولدى، ھەرقايسى جايلاردىكى بازارلار تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى، ھەر مىللەت ئامما دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى تۇرمۇشتىن خۇشال ـ خۇرام بەھرىمەن بولدى.

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مول بولدى

5 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا، يۈك ئاپتوموبىللىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن تەرتىپ بىلەن كىرىۋاتاتتى، بازاردا شەھەر ئاھالىلىرى تاۋارلارنى تاللاپ سېتىۋېلىۋاتاتتى.

«بۈگۈن سەھەردە 127 تۈردىكى 45 توننا كۆكتات تارقىتىلدى.» بۇ بازاردىكى ئۈرۈمچى چاڭرۇڭ لىتۇڭ سودا چەكلىك شىركىتى يېڭى پېتى ساقلاش ئامبىرىدا، مەسئۇل خادىم جاڭ مىڭجيې يەنە ئالدىراش ئىشلەپ بىر كېچە كۆز يۇممىدى.

جاڭ مىڭجيې مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ شىركەت ۋە باشقا بىرنەچچە شىركەت ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم شەھەر رايونى مەھەللىلىرىدىكى كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىغا كۆكتات تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، شىركەت ھەر كۈنى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) مەھەللىلىرىدىكى كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىغا50 ـ 40 توننا كۆكتات تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

«ھازىر كۆكتات باھاسى بىرقەدەر تۇراقلىق. يېقىندا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ پارنىك كۆكتاتلىرى كۆپ مىقداردا بازارغا سېلىندى، ئۇزۇنچاق لازا، شوخلا، چەيزە، كۇگۇا قاتارلىقلارنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى بەش يۈەن ئەتراپىدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھەر ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ يوپۇرماقلىق كۆكتاتلىرى بازارغا سېلىندى، بوسەي، يوۋمەيسەي قاتارلىقلارنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى تۆۋەن بولغاندا ئۈچ يۈەن ئەتراپىدا بولدى. كېلەر ھەپتە تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندە كۆكتات باھاسى يەنە ئازراق تۆۋەنلەيدۇ» دېدى جاڭ مىڭجيې.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭ ئىچىدە ئەشيا ئوبوروتى راۋان بولۇپ، ئۈرۈمچى شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرى، شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازارلىرىدا كۆكتات، مېۋە ـ چېۋە قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولغان.

سودا ساراي، تاللا بازارلار ئولتۇراق رايونلارغا كىرگۈزۈلدى

5 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، يەكەن ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى چوڭ تاللا بازارلاردا تاۋارلار كۆزنى قاماشتۇراتتى، باھاسى چۈشۈرۈلۈپ سېتىش ئىلگىرى سۈرۈلگەن ماركىلار، ئېلان تەشۋىقات رەسىملىرى كۆزگە چېلىقىدىغان جايلارغا چاپلانغانىدى.

«سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنىڭ سالمىقى بىرقەدەر زور بوپتۇ، نەرسە سېتىۋالساق ناھايىتى ئەرزان توختايدىكەن» دېدى يەكەن ناھىيەسى ۋاڭكېلۇڭ تاللا بازىرىدا ئاھالە نۇرىمانگۈل ئابدۇقادىر خۇشال ھالدا.

ئۈرۈمچى شەھىرى جىجيەن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا، ئاھالە خۇ يىڭخۇا خۇارۈن ۋەنجيا تاللا بازىرى تەسىس قىلغان يايما نۇقتىسىغا بېرىپ ئىككى خالتا ئۇن سېتىۋالدى، پىرىكازچىك تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئۇننى 4 ـ قەۋەتتىكى ئۆيىگە ئەپچىقىپ بەردى.

«<1 ـ ماي>لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بىز تاللا بازىرىمىزدا باھانى چۈشۈرۈش، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ئولتۇراق رايوندا يايما نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، تاۋارلارنى ئاھالىلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە ئاپىرىپ بەردۇق» دېدى خۇارۈن ۋەنجيا سودا پەن ـ تېخنىكا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتى خېبېي شەرقىي يولى دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى گۇي جۈن.

بايرام مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا ساراي، تاللا بازارلار ۋە قېتىق، ئىچىملىك قاتارلىق يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىدا يايما نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ مال سېتىۋېلىشىغا قولايلىق ياراتتى.

ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار مال تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولدى

5 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى ئەتىگەندىلا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رىيۆشىڭگۇاڭ ئولتۇراق رايونىدا، لىق تاۋار قاچىلانغان يېڭى پېتى ساقلاش ئاپتوموبىلى ھەرقايسى تاللا بازارلارنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ مال يەتكۈزدى، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ بىر كۈنلۈك ئالدىراشلىقى باشلىنىپ كەتتى.

«مۈشۈك يېمى كەپتۇ، يەتكۈزۈش سۈرئىتى خېلىلا تېز ئىكەن جۇمۇ» دېدى رىيۆشىڭگۇاڭ ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالە مياۋ چىڭ تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى ئىشىكى ئالدىغا ئېلىپ كەلگەن مۈشۈك يېمىنى تاپشۇرۇۋېلىپ خۇشال ھالدا.

«1 ـ ماي» بايرىمىلىق تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار پائال مال تەييارلاپ، شەھەر ئاھالىلىرى توردىن سېتىۋالغان بايرامدا ئېھتىياجلىق تاۋارلارنىڭ ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

«بىز تور سىرتىدىكى سېتىش ئورۇنلىرىدا مال سېتىپلا قالماي، يەنە مەھەللىلەردە بىرلىشىپ كوللېكتىپ سېتىۋېلىش، ۋەنجيا APPسى، مېيتۇەن، قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ، جىڭدۇڭ قاتارلىق بەش خىل توردا <ئۇچراشماي> سېتىۋېلىش شەكلى ئارقىلىقمۇ مال ساتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز شەخس ۋە ئورۇنلارغا قارىتا توپ سېتىش كەسپىنى قانات يايدۇردۇق، ماللارنىڭ توردا سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىرقەدەر يۇقىرى بولدى.» گۇي جۈن مۇنداق دېدى: سودا ساراي، تاللا بازارلار سىرتقا يۈزلىنىپ، ئاھالىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ ۋە قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، بۇ، خەلققە پايدىلىق، ئۆزىمىزگىمۇ پايدىلىق بولغان قوش پايدا ئېلىش تەرەققىيات يولى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش