دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى ھەممە كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى بازاردا مال يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولدى ماللارنىڭ توردىكى سېتىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى 1 ـ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز توردا ۋە تور سىرتىدا تەكلىپ قىلىشتا 260 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى بۇ يەرگە قاراڭ، سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ... ۋىلايىتىمىز دەريا، كۆل ئېكولوگىيەسىنى «گۈزەللەشتۈرۈش كۇنۇپكىسى»نى باستى ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىپ، ھاياتلىق، ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلايلى 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىزنىڭ شەھەر ـ بازارلىرىدا 7518 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى C6 ھەيدەش كىنىشكىسى كەلدى | سۆرەلمە ئۆي ئاپتوموبىلى بىلەن ساياھەتكە چىقايلى ۋىلايەت بويىچە تۇنجى شەخسىيلەر ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىرىلدى باقمىچىلىق قىغ ـ بۇلغىمىلىرىنىڭ غەيرىي پۇرىقى پۇقرالارغا دەخلى يەتكۈزدى ئالاقىدار تارماقلار دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزەتتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

1 ـ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز توردا ۋە تور سىرتىدا تەكلىپ قىلىشتا 260 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-05-05 17:27:08

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بېي خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق توپ، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى زىچ چۆرىدەپ، مەخسۇس تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى دائىملىق قانات يايدۇردى. 1 ـ پەسىلدە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە توردا ۋە تور سىرتىدا جەمئىي 790 مەيدان قېتىم تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، 260 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ يىلقى تەكلىپ قىلىش يىغىنى شەھەر ـ يېزىلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرى، سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە كەسىپ جەھەتتىن يېتەكلەش، ئىش ئورنى تونۇشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» يەتكۈزۈش، توردا ۋە تور سىرتىدا تەكلىپ قىلىش، «زاكاز قىلىش شەكلى»دىكى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى دەل جايىدا ئىلگىرى سۈردى.

ساياھەت ئاۋات پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، تېكەس ناھىيەسىنىڭ 2022 ـ يىللىق باھار شامىلى ھەرىكىتى ئاشخانا مۇلازىمىتى، ساياھەت تۈرى، مېھمانساراي، ئائىلىۋى مېھمانخانا تىپىدىكى تەكلىپ قىلىش يىغىنى تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزۈلدى. ئالاقىدار تارماقلار مۇددەتتىن بۇرۇن قاتنىشىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ۋە ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى پائال تولۇق تەكشۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىلغا سىڭدۈرۈلگەن 24 تۈرلۈك يۈرۈشلۈك مەخسۇس تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پىلانلاپ، ھەر ئايدا تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى بولۇش، ھەر ۋاقىت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، توردا تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى دائىملىق ئۆتكۈزۈپ، توردا تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى توختاتماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى.

1 ـ پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم بېرىش ئېيى، باھار شامىلى ھەرىكىتى، چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى بىرلىشىپ تەكلىپ قىلىش، ئائىلە مۇلازىمەت كەسپى، ئايال ئىختىساسلىقلار، قۇرۇلۇش ساھەسى بويىچە تەكلىپ قىلىشتىن ئىبارەت ئالتە مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، «كەسىپ تەرەققىياتى شىنجاڭدا» توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىدىن 41 قارار قانات يايدۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئوچۇق دەرسى ھەم 2022 ـ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى، شىنجاڭ قاتناش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدىن ئىبارەت ئۈچ ئالىي مەكتەپنىڭ 117 كەسپىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توردا تونۇشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى جېنجياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز «ئالاقە تورى+ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى»نى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك تەكلىپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش